كىشى ئىسىملىرى

  • سابىر
    (سابۇر، ساۋۇر، ساۋۇق، ساۋۇش، ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 139 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سەۋرچان، سەۋر-تاقەتلىك، چىداملىق. ئىزاھات: «سابىر» بىلەن «سابىق، سابىت» لارنىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ. مەسىلەن، «ساۋاق، ساۋۇق، ساۋۇش» دېگەندەك. ئەمما «سابىر» نىڭ يەنە ئۆزىگە خاس تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلىرىمۇ بار: «ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى»

  • سابىق
    (ساۋۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 116 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۆتكەنكى، بۇرۇنقى، كونا؛ پېشىۋا، باشلامچى، ئالدىدا ماڭغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سادات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 118 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    غالىب، مەشھۇر، ئۈستۈن، داڭلىق، مۇھىم كىشى

  • سادىر
    (سادىگۈل، سادىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 146 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىش پەيدا قىلغۇچى. ئىزاھات: «سادىگۈل» يەنىلا ئەرلەرگە قويۇلىدۇ.

  • سادىق
    (سادۇق) تىل تەۋەلىكى: تىل كۆرۈلۈشى: 135 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    راستچىل، ھەقىقىي، سەمىمىي (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سالام
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 152 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) تىنچ، بىخەتەر، جىمجىت، (2) سالام يوللىماق، ھۆرمەت بىلدۈرمەك، (3) تىنچلىق. ئەسلىيسى «سەلام».

  • سالاھىدىن
    (سالايىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 164 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ ئېسىل كىشىسى ( بۇ ئىسىمنى «دىننىڭ قورالى» دېگەن مەنىدە چۈشىنىشمۇ مۇمكىن). ئىزاھات: ئەسلىيسى «سەلاھىددىن» بولۇپ، «سەلاھىددىن» ئەرەب سەركەردىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى.

  • سالىھ
    (سالى، سالىخ، سەلەي) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 159 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سالىھ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ياخشى، ئېسىل، ئادىل، ھەققانىي

  • ساھابە
    (ساخابا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 176 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دوستلار، ھەمراھلار، سەپەرداشلار. ئەسلىيسى «سەھابە»

  • ساھىب
    (ساھىپ، سايىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 154 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئىگە بولغۇچى، ئىگىلىگۈچى، ئىگە، (2) دوست، سۆھبەتداش، ھەمراھ، خىزمەتداش (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سايرام
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 166 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    «تېيىز يەر» مەنىسىدىكى بىر قانچە جاي نامى. بەزىلەر «سۇلۇق يەر» دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

  • سايران
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 167 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) سەيلە قىلغۇچى؛ (2) جاي نامى. ئىزاھات: «سايران» جاي نامى بولۇپ، بەزىلەر «سايرام» نىڭ ئەسلىي ئاتلىشى دەپ قارايدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچىدە «سەيلە قىلغۇچى، سەيلە قىلماق» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

  • سەبرى
    (سەۋر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 133 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سەۋر قىلماق

  • سەبۇر
    (سەپۇر، سوبۇر، سوپۇر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 142 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سەۋر-تاقەتلىك، مۇلايىم، قۇلىقى يۇمشاق، سەۋرچان

  • سەبىر
    (سەۋىر، سىبىر، سىپىر، سىۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 158 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سەۋرچان، سەۋر-تاقەتلىك، چىداملىق.

  • سەپەر
    (سىپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 180 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) سەپەر قىلماق، سەپەر قىلغۇچى؛ (2) سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغان؛ (3) سەپەر ئېيىدا تۇغۇلغان. ئىزاھات: «سەپەر» ئەسلىدىنلا سپەر ئېيىنىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، «سەپەر قىلماق» نى بىلدۈرمەيدۇ. لېكىن بەزىلەر بىلدۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.

  • سەدىر
    (سېدىر، سىدىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 129 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) يۈرەك، قەلب، (2) كاتتا، ئۇلۇغ، شەرەپلىك

  • سەردار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 195 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قوماندان؛ ئالدىدا ماڭغۇچى

  • سەرۋەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 418 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) بايلىق (تەبئىي بايلىق)، (2) بىر تۈپ سەرۋى دەرىخى

  • سەزگىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 131 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سېزىمچان، ھوشيار، زېرەك

  • سەلكىن
    (سالقىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 203 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سالقىن، يېقىشلىق، راھەتلىك، سۆرۈن شامال؛ سالقىنداش، راھەتلىنىش

  • سەلىم
    (سېلىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 187 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ساغلام، ساق-سالامەت

  • سەمەد
    (سەمەت، سەمەتخان، سەمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 121 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مەڭگۈلۈك، دائىملىق، مەڭگۈ

  • سەھەر
    (سەھەرجان، سەخەرجان، سەخەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 156 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەتىگەن، تاڭ مەزگىلى، تاڭ

  • سەئدۇللا
    (سەيدۇللا، سەيدۇللام، سەئدۇل، سەيدۇل، سادۇللا، سادىللا، سادىل، سەدۇللا، سەدۇل، سەدىل، سەيدىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 204 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا بەختلىك قىلغان كىشى، ئاللانىڭ بەختلىك كىشىسى

  • سەئىد
    (سايىت، سەيىت، سېيىت، سىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 179 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەختلىك، بەخت، خۇشاللىق

  • سەئىدۇن
    (سەئىدىن، سەيدىن، سەيدۇن، سەدۇن، سەدىن، سادىن، سەدۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 113 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەخت-تەلەي. ئىزاھات: «سەئىدۇن» بولسا «سەئىد»نىڭ قوش پىچلىق (سۆز ئاخىرى «ئۇن» ئوقۇلىدىغان) شەكلى.

  • سەئىدىن
    (سەيدىن، سەدىن، سەدەن، سادىن، سادىنجان، سەدۇق، سەيدەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 162 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) بەخت-تەلەي (2) دىننىڭ بەختى؛ دىننىڭ بەختلىك كىشىسى. ئىزاھات: «سەئىدىن» بولسا «سەئىدۇن» نىڭ ئۆزگىرىشى بولۇشىمۇ، شۇنىڭدەك، «سەئددىن» ياكى «سەئىددىن» نىڭ قىسقارتىلىپ تەلەپپۇز قىلىنغان شەكلى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

  • سەيپۇللا
    (سەيپۇل، سەيپۇك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 187 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ قىلىچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سەيپىدىن
    (سەپىدىن، سەيپى) تىل تەۋەلىكى: تىل كۆرۈلۈشى: 143 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ قىلىچى. ئەسلىيسى «سەيپىددىن».