كىشى ئىسىملىرى

  • سىراج
    (سىراش، سىراق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 313 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چىراغ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سىددىقۇللا
    (سىدىقۇللا، سىدىقۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 328 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ سادىق دوستى، ئاللانىڭ چىن، راست كىشىسى

  • سادات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 332 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    غالىب، مەشھۇر، ئۈستۈن، داڭلىق، مۇھىم كىشى

  • سۇلەيمان
    (سۇلايمان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 335 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (ئەسلىدە، قىزىل مېۋىلىك بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نامى)

  • سەزگۈر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 338 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    سېزىمچان، ھوشيار، زېرەك

  • سۇپى
    (سوپى، سوپىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 340 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ساپ، (2) يۇڭ، يۇڭچى، (3) تەسەۋۋۇپچى، تەقۋادار، (4) دىنىي مەرتىۋە نامى. ئىزاھات: «سوپىخان» يەنىلا ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ.

  • سەئىدۇن
    (سەئىدىن، سەيدىن، سەيدۇن، سەدۇن، سەدىن، سادىن، سەدۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 343 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەخت-تەلەي. ئىزاھات: «سەئىدۇن» بولسا «سەئىد»نىڭ قوش پىچلىق (سۆز ئاخىرى «ئۇن» ئوقۇلىدىغان) شەكلى.

  • سەيپىدىن
    (سەپىدىن، سەيپى) تىل تەۋەلىكى: تىل كۆرۈلۈشى: 348 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ قىلىچى. ئەسلىيسى «سەيپىددىن».

  • سىھھەت
    (سەھەت، سىخەت، سىھەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 348 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    توغرا، ھەقىقىي، ساغلام، ساق، راست. «سەئەد» مۇ «سەھەت» كە ئۆزگىرىدۇ.

  • سۇرئەت
    (سۈرئەت، سۈرئەتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 350 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 7 ياقتۇرۇش

    تېزلىك، چاققانلىق

  • سادىق
    (سادۇق) تىل تەۋەلىكى: تىل كۆرۈلۈشى: 354 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    راستچىل، ھەقىقىي، سەمىمىي (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سۇبۇر
    (سۇۋۇر، سوپۇر، سوپۇرجان، سىپىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 357 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سەۋر قىلماق. ئىزاھات: «سەبۇر» مۇ «سوپۇر» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • سەبۇر
    (سەپۇر، سوبۇر، سوپۇر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 358 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سەۋر-تاقەتلىك، مۇلايىم، قۇلىقى يۇمشاق، سەۋرچان

  • سەزگىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 359 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سېزىمچان، ھوشيار، زېرەك

  • سابىق
    (ساۋۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 361 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۆتكەنكى، بۇرۇنقى، كونا؛ پېشىۋا، باشلامچى، ئالدىدا ماڭغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سەبرى
    (سەۋر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 361 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    سەۋر قىلماق

  • سەمەد
    (سەمەت، سەمەتخان، سەمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 364 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    مەڭگۈلۈك، دائىملىق، مەڭگۈ

  • سابىر
    (سابۇر، ساۋۇر، ساۋۇق، ساۋۇش، ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 370 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    سەۋرچان، سەۋر-تاقەتلىك، چىداملىق. ئىزاھات: «سابىر» بىلەن «سابىق، سابىت» لارنىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ. مەسىلەن، «ساۋاق، ساۋۇق، ساۋۇش» دېگەندەك. ئەمما «سابىر» نىڭ يەنە ئۆزىگە خاس تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلىرىمۇ بار: «ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى»

  • سۈزۈك
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 370 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    پاك، پارقىراق

  • سەبىر
    (سەۋىر، سىبىر، سىپىر، سىۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 376 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سەۋرچان، سەۋر-تاقەتلىك، چىداملىق.

  • سېتىۋالدى
    (سېتى، سېتىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 380 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئاللادىن پەرزەنت سېتىۋالدى.

  • سەدىر
    (سېدىر، سىدىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 383 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) يۈرەك، قەلب، (2) كاتتا، ئۇلۇغ، شەرەپلىك

  • سەھەر
    (سەھەرجان، سەخەرجان، سەخەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 383 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەتىگەن، تاڭ مەزگىلى، تاڭ

  • سەئىدىن
    (سەيدىن، سەدىن، سەدەن، سادىن، سادىنجان، سەدۇق، سەيدەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 384 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) بەخت-تەلەي (2) دىننىڭ بەختى؛ دىننىڭ بەختلىك كىشىسى. ئىزاھات: «سەئىدىن» بولسا «سەئىدۇن» نىڭ ئۆزگىرىشى بولۇشىمۇ، شۇنىڭدەك، «سەئددىن» ياكى «سەئىددىن» نىڭ قىسقارتىلىپ تەلەپپۇز قىلىنغان شەكلى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

  • سەييىد
    (سېيىت، سىيىت، سىتەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 386 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    خوجا، بەگ، ئەپەندى، ئۇستاز، پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). «سەييىد، سەييىدى» دېگەندە ئومۇمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەزىدە ئوغۇل پەرزەنتلەرمۇ «خوجام» دەپ ئەتىۋارلىنىدۇ ۋە «سەييىدى» بىلەن ئوخشاش كېلىدۇ.

  • سابىت
    (ساۋۇت، ساۋۇق، ساۋاق، ساۋۇش) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 387 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس

  • سايران
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 396 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) سەيلە قىلغۇچى؛ (2) جاي نامى. ئىزاھات: «سايران» جاي نامى بولۇپ، بەزىلەر «سايرام» نىڭ ئەسلىي ئاتلىشى دەپ قارايدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچىدە «سەيلە قىلغۇچى، سەيلە قىلماق» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

  • سەدىرىدىن
    (سەتىرىدىن، سەترىدىن، سەدىردىن، سەدى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 399 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ كاتتا كىشىسى. ئەسلىيسى «سەدىرىددىن».

  • سىددىق
    (سىدىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 400 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سادىق؛ چىن، راست، ساداقەتمەن، سەمىمىي، ھەققانىي، ئادىل، ئىشەنچلىك، قەتئىي

  • سىنان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 405 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) سىنالغان (2) نەيزە. ئىزاھات: بۇ ئىسىم تەلەپپۇز جەھەتتىن ئوخشىغان ھالدا ئەرەبچىدىمۇ بار. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «سىنالغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەرەبچىدە «نەيزە» دېگەن سۆزدۇر.