كىشى ئىسىملىرى
-
سابىق
(ساۋۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 361
، ياقتۇرغانلار: 0
ئۆتكەنكى، بۇرۇنقى، كونا؛ پېشىۋا، باشلامچى، ئالدىدا ماڭغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
سادات
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 332
، ياقتۇرغانلار: 0
غالىب، مەشھۇر، ئۈستۈن، داڭلىق، مۇھىم كىشى
-
سالىھ
(سالى، سالىخ، سەلەي) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 410
، ياقتۇرغانلار: 0
سالىھ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ياخشى، ئېسىل، ئادىل، ھەققانىي
-
ساھابە
(ساخابا) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 428
، ياقتۇرغانلار: 0
دوستلار، ھەمراھلار، سەپەرداشلار. ئەسلىيسى «سەھابە»
-
ساھىب
(ساھىپ، سايىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 417
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) ئىگە بولغۇچى، ئىگىلىگۈچى، ئىگە، (2) دوست، سۆھبەتداش، ھەمراھ، خىزمەتداش (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
سايرام
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 426
، ياقتۇرغانلار: 0
«تېيىز يەر» مەنىسىدىكى بىر قانچە جاي نامى. بەزىلەر «سۇلۇق يەر» دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
-
سايران
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 396
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) سەيلە قىلغۇچى؛ (2) جاي نامى. ئىزاھات: «سايران» جاي نامى بولۇپ، بەزىلەر «سايرام» نىڭ ئەسلىي ئاتلىشى دەپ قارايدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچىدە «سەيلە قىلغۇچى، سەيلە قىلماق» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
-
سەبۇر
(سەپۇر، سوبۇر، سوپۇر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 358
، ياقتۇرغانلار: 0
سەۋر-تاقەتلىك، مۇلايىم، قۇلىقى يۇمشاق، سەۋرچان
-
سەبىر
(سەۋىر، سىبىر، سىپىر، سىۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 376
، ياقتۇرغانلار: 0
سەۋرچان، سەۋر-تاقەتلىك، چىداملىق.
-
سەدىر
(سېدىر، سىدىر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 383
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) يۈرەك، قەلب، (2) كاتتا، ئۇلۇغ، شەرەپلىك
-
سەرۋەت
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 919
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) بايلىق (تەبئىي بايلىق)، (2) بىر تۈپ سەرۋى دەرىخى
-
سەزگىن
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 359
، ياقتۇرغانلار: 0
سېزىمچان، ھوشيار، زېرەك
-
سەلكىن
(سالقىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 455
، ياقتۇرغانلار: 0
سالقىن، يېقىشلىق، راھەتلىك، سۆرۈن شامال؛ سالقىنداش، راھەتلىنىش
-
سەھەر
(سەھەرجان، سەخەرجان، سەخەر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 382
، ياقتۇرغانلار: 0
ئەتىگەن، تاڭ مەزگىلى، تاڭ
-
سەئىدۇن
(سەئىدىن، سەيدىن، سەيدۇن، سەدۇن، سەدىن، سادىن، سەدۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 343
، ياقتۇرغانلار: 0
بەخت-تەلەي. ئىزاھات: «سەئىدۇن» بولسا «سەئىد»نىڭ قوش پىچلىق (سۆز ئاخىرى «ئۇن» ئوقۇلىدىغان) شەكلى.
-
سەئىدىن
(سەيدىن، سەدىن، سەدەن، سادىن، سادىنجان، سەدۇق، سەيدەك) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 384
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) بەخت-تەلەي (2) دىننىڭ بەختى؛ دىننىڭ بەختلىك كىشىسى. ئىزاھات: «سەئىدىن» بولسا «سەئىدۇن» نىڭ ئۆزگىرىشى بولۇشىمۇ، شۇنىڭدەك، «سەئددىن» ياكى «سەئىددىن» نىڭ قىسقارتىلىپ تەلەپپۇز قىلىنغان شەكلى بولۇشىمۇ مۇمكىن.
-
سىددىق
(سىدىق) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 400
، ياقتۇرغانلار: 0
سادىق؛ چىن، راست، ساداقەتمەن، سەمىمىي، ھەققانىي، ئادىل، ئىشەنچلىك، قەتئىي
-
سىددىقۇللا
(سىدىقۇللا، سىدىقۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 328
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاللانىڭ سادىق دوستى، ئاللانىڭ چىن، راست كىشىسى
-
سىرات
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 647
، ياقتۇرغانلار: 0
يول، چوڭ يول
-
سىراج
(سىراش، سىراق) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 313
، ياقتۇرغانلار: 0
چىراغ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
سىنان
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 405
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) سىنالغان (2) نەيزە. ئىزاھات: بۇ ئىسىم تەلەپپۇز جەھەتتىن ئوخشىغان ھالدا ئەرەبچىدىمۇ بار. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «سىنالغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەرەبچىدە «نەيزە» دېگەن سۆزدۇر.
-
سىھھەت
(سەھەت، سىخەت، سىھەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 348
، ياقتۇرغانلار: 0
توغرا، ھەقىقىي، ساغلام، ساق، راست. «سەئەد» مۇ «سەھەت» كە ئۆزگىرىدۇ.
-
سۇپى
(سوپى، سوپىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 340
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) ساپ، (2) يۇڭ، يۇڭچى، (3) تەسەۋۋۇپچى، تەقۋادار، (4) دىنىي مەرتىۋە نامى. ئىزاھات: «سوپىخان» يەنىلا ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ.
-
سۇبۇر
(سۇۋۇر، سوپۇر، سوپۇرجان، سىپىر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 357
، ياقتۇرغانلار: 0
سەۋر قىلماق. ئىزاھات: «سەبۇر» مۇ «سوپۇر» غا ئۆزگىرىدۇ.
-
ساتتار
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 430
، ياقتۇرغانلار: 1
ئەيىبلەرنى ياپقۇچى. ئەسلىيسى «سەتتار»
-
سەدىرىدىن
(سەتىرىدىن، سەترىدىن، سەدىردىن، سەدى) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 399
، ياقتۇرغانلار: 1
دىننىڭ كاتتا كىشىسى. ئەسلىيسى «سەدىرىددىن».
-
سەزگۈر
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 338
، ياقتۇرغانلار: 1
سېزىمچان، ھوشيار، زېرەك
-
سۈرەت
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 411
، ياقتۇرغانلار: 1
ئوخشىماق، نۇسخا، شەكىل؛ سۈرەتتەك ئوغۇل. ئەسلىيسى «سۇرەت».
-
سۈزۈك
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 370
، ياقتۇرغانلار: 1
پاك، پارقىراق
-
سۇرئەت
(سۈرئەت، سۈرئەتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 350
، ياقتۇرغانلار: 7
تېزلىك، چاققانلىق