كىشى ئىسىملىرى

  • رۇزى

    (رۇزەم، رۇزىخان، رۇزەك، رۇزىجان، روزى، روزا) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 835كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 89

    كۈن، كۈندۈز (بۇ يەردە «رامىزان ئىچىدە تۇغۇلدى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)

  • رەھمان

    (راخمان، رەخمان، رەخىمجان، رامان، رىمان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 738كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    مېھرى-شەپقەتلىك، رەھىمدىل (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى). «رەھىم» مۇ «رەخىم، رەخىمجان» غا ئۆزگىرىدۇ ۋە «رەھمان» نىڭ قىسمەن ئۆزگىرىشلىرىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • رەھىم

    (رېھىم، رايىم، رەيىم، رېخىم، رەخىم، رەخى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 683كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    رەھىمدىل، رەھىملىك، شەپقەتلىك، كۆيۈمچان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. ئەگەر بۇ ئىسىم «الـ» بىلەن كەلسە، ئاللانىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئىزاھات: «رەھىم» كۆپىنچە «الـ» بىلەن كېلىپ، «ئابدۇ» قوشۇلۇپ، رەھىم-شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.

  • رەجەب

    (رەجەپ، رەجەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 519كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    (1) ھۆرمەتلىك، (2) رەجەب ئېيىدا تۇغۇلغان

  • رەقىب

    (رەقىپ، رېقىپ، رېقىپجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 454كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    پايلىغۇچى، كۆز سالغۇچى، كۆز سېلىپ تۇرغۇچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • راززاق

    (رازاق، رىزاق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 505كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    كۆپ رىزقى بەرگۈچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى). ئەسلىيسى «رەززاق»

  • رازىق

    (راسىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 413كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    رىزقى بەرگۈچى

  • رەسۇل

    (روسۇل، رۇسۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 593كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئەلچى، خەۋەرچى، پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • رەشاد

    (رىشات) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 536كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئاڭلىق، يېتىلگەن، تولغان

  • رەشىد

    (رەشىت، رېشىت، رىشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 470كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    توغرا يول كۆرسەتكۈچى. «رەشىد» ئەگەر «الـ» بىلەن كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلسە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  • رەپقەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 780كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 3

    يولداشلىق، دوستلۇق، ھەمراھلىق؛ ھەمراھ، يولداش

  • راھدىل

    (رادىل) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 398كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 2

    يولداش؛ دېل ئارزۇسى، ئارزۇ قىلىنغان، كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن نىشان

  • رەھمەت

    (رەخمەت، رەمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 923كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 2

    رەھىم-شەپقەت، كۆيۈنۈش (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • رابات

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 835كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رايون، شەھەر ئەتراپى؛ قونالغۇ، دەڭ، مېھمانخانا، ئۆتەڭ

  • رازى

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 462كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رازى بولغۇچى، خۇشال بولغۇچى

  • راشىد

    (راشى، راشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 545كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    پاراسەتلىك، ئاقىل، يېتىلگەن؛ توغرا يولدا ماڭغان؛ ئويغاق، ھوشيار، سەزگۈر

  • راشىدىن

    (راشىتىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 478كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىننىڭ توغرا يولىدا ماڭغۇچى. ئەسلىيسى «راشىددىن»

  • رامىزان

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 605كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رامىزان ئېيىدا تۇغۇلغان

  • رەشىدۇللا

    (رەشىدۇل، رەشىتۇل، رەشىتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 415كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللا يول كۆرسەتكەن، توغرا يولدا ماڭغان كىشى

  • رەھمىتۇللا

    (رەمىتىللا، رەخمىتۇللا، رەخمىتۇل، رەمتىللا، رەمتۇل، رەمتىل، رەھمىتۇل ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 566كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللانىڭ رەھمىتى، ئاللانىڭ شەپقىتى. ئەسلىيسى «رەھمەتۇللا».

  • رەئۇپ

    (راۋۇپ، راۋۇپجان، رەۋۇپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 451كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شەپقەت قىلغۇچى، رەھىمدىل (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتىلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «رەئۇپ» مۇ «الـ» بىلەن كەلگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ.

  • رۇستەم

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 1043كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رىۋايەتلەردىكى پارس قەھرىمانى، مەشھۇر پالۋان، ئىستېمال مەنىسى: (1) باھادىر، قەھرىمان، (2) مەخپىي