كىشى ئىسىملىرى

  • دانىش
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 557 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    بىلمەك، بىلىم، مەلۇمات، بىلىملىك

  • داۋۇد
    (داۋۇت، داۋۇتجان، داگۇت) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 468 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى بولۇپ، (1) خۇشئاۋاز، (2) كۈي (3) سۆيۈملۈك دوست دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.

  • داۋامەت
    (دۇگامەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 363 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    دائىملىق، مەڭگۈلۈك. بۇ ئىسىم ئەسلىدە «دەۋامەت» دەپ تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە تىلىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ شۇنداق ئېلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر ئىسىم «دۇگامەت» كە ئۆزگىرىپ، «دۇئامەد، دۇئامۇھەممەد» لەرنىڭ مۇشۇ خىل ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • دىلمۇراد
    (دىلمۇرات) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 359 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    كۆڭۈل ئارزۇسى

  • دولقۇن
    (دولقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 595 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    بۇ يەردە سۇ دولقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

  • دىلشاد
    (دىلشات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 403 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    كۆڭلى خۇش، شاد كۆڭۈل

  • دىليار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 455 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    كۆڭۈلنىڭ دوستى، كۆڭۈلدىكى دوست، چىن دىلدىن دوست بولغۇچى، دىلدىن سۆيۈنىدىغان

  • دىيار
    (دىيارجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 460 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    يۇرت، دۆلەت؛ ئۆي، تۇرالغۇ، مەھەللە

  • دەۋران
    تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 476 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    زامانلار، دەۋرلەر؛ ئايلىنىش

  • دادىل
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 999 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جۈرئەتلىك

  • دانىشيار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 355 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، پېروفېسسور؛ بىلىم ئىگىسى، بىلىمنى يار تۇتقۇچى

  • دانىيال
    (دانىيار) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 423 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دانىيال پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (مەنىسى ئېنىق ئەمەس). بۇ ئىسىمنىڭ ئۆزگىرىشى بولغان «دانىيار» نىڭ مەنىسى ئىلىمنى دوست تۇتقۇچى.

  • دائى
    (داھى، دايى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 431 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يولباشچى، تەشەببۇسچى، يولباشلىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • دەرمان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 450 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۈچ-ماغدۇر، قۇۋۋەت، قۇربەت، ئىقتىدار، كۈچ؛ داۋا، شىپا

  • دەريا
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 534 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دەريا-دېڭىز (بۇ يەردە سۇ ئۇلۇغلانغان)

  • دولان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 378 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يەر نامى (مەكىت، مارالبېشى قاتارلىق جايلارنىڭ ئومۇمىي نامى)

  • دۆلەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 821 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دۆلەتمەن، بەختلىك. ئەسلىيسى «دەۋلەت».

  • دېھقان
    (دىخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 621 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يەر تېرىغۇچى، تېرىقچىلىق قىلغۇچى؛ يەر ئىگىسى، سەھرالىق

  • دىلمۇھەممەد
    (دىلمەت، دىلمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 477 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىلىدا مۇھەممەدنى ياد ئەتكۈچى

  • دىۋان
    (دۈۋان، دوگان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 425 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    توپلام؛ مەھكىمە، ئىشخانا، ئورگان؛ كىرېسلو