كىشى ئىسىملىرى

  • دانىش
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 596 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    بىلمەك، بىلىم، مەلۇمات، بىلىملىك

  • داۋۇد
    (داۋۇت، داۋۇتجان، داگۇت) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 512 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى بولۇپ، (1) خۇشئاۋاز، (2) كۈي (3) سۆيۈملۈك دوست دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.

  • داۋامەت
    (دۇگامەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 402 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    دائىملىق، مەڭگۈلۈك. بۇ ئىسىم ئەسلىدە «دەۋامەت» دەپ تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە تىلىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ شۇنداق ئېلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر ئىسىم «دۇگامەت» كە ئۆزگىرىپ، «دۇئامەد، دۇئامۇھەممەد» لەرنىڭ مۇشۇ خىل ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • دىلمۇراد
    (دىلمۇرات) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 397 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    كۆڭۈل ئارزۇسى

  • دولقۇن
    (دولقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 637 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    بۇ يەردە سۇ دولقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

  • دىلشاد
    (دىلشات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 458 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    كۆڭلى خۇش، شاد كۆڭۈل

  • دىليار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 501 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    كۆڭۈلنىڭ دوستى، كۆڭۈلدىكى دوست، چىن دىلدىن دوست بولغۇچى، دىلدىن سۆيۈنىدىغان

  • دىيار
    (دىيارجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 505 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    يۇرت، دۆلەت؛ ئۆي، تۇرالغۇ، مەھەللە

  • دەۋران
    تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 517 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    زامانلار، دەۋرلەر؛ ئايلىنىش

  • دادىل
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 1055 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جۈرئەتلىك

  • دانىشيار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 398 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، پېروفېسسور؛ بىلىم ئىگىسى، بىلىمنى يار تۇتقۇچى

  • دانىيال
    (دانىيار) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 461 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دانىيال پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (مەنىسى ئېنىق ئەمەس). بۇ ئىسىمنىڭ ئۆزگىرىشى بولغان «دانىيار» نىڭ مەنىسى ئىلىمنى دوست تۇتقۇچى.

  • دائى
    (داھى، دايى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 468 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يولباشچى، تەشەببۇسچى، يولباشلىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • دەرمان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 487 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۈچ-ماغدۇر، قۇۋۋەت، قۇربەت، ئىقتىدار، كۈچ؛ داۋا، شىپا

  • دەريا
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 580 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دەريا-دېڭىز (بۇ يەردە سۇ ئۇلۇغلانغان)

  • دولان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 423 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يەر نامى (مەكىت، مارالبېشى قاتارلىق جايلارنىڭ ئومۇمىي نامى)

  • دۆلەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 878 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دۆلەتمەن، بەختلىك. ئەسلىيسى «دەۋلەت».

  • دېھقان
    (دىخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 660 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يەر تېرىغۇچى، تېرىقچىلىق قىلغۇچى؛ يەر ئىگىسى، سەھرالىق

  • دىلمۇھەممەد
    (دىلمەت، دىلمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 529 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىلىدا مۇھەممەدنى ياد ئەتكۈچى

  • دىۋان
    (دۈۋان، دوگان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 470 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    توپلام؛ مەھكىمە، ئىشخانا، ئورگان؛ كىرېسلو