كىشى ئىسىملىرى
-
تارخان
تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 173
، ياقتۇرغانلار: 0
(قەدىمكى ئۇنۋان ناملىرىدىن بىرى بولۇپ، ھۆكۈمران تەبىقىنىڭ ئىمتىيازلىق ئەزالىرىغا بېرىلىدۇ ھەمدە ئۆزىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىمتىيازى ئەۋلادلىرىغا مىراس بولۇپ قالىدۇ)
-
تاشمۇھەممەد
(تاشمەت، تاشمەمەت، تاشمەممەت) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئەكۆرۈلۈشى: 148
، ياقتۇرغانلار: 0
تاش: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى
-
تالىب
(تالىپ، تايلىپ، تالىش، تالىپجان) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 147
، ياقتۇرغانلار: 0
ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى، ئوقۇغۇچى
-
تاھىر
(تايىر، تايى، تايەم) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 155
، ياقتۇرغانلار: 0
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: پاك.
-
تەڭرىبەردى
(تەڭرىۋەدى) تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 125
، ياقتۇرغانلار: 0
بۇ ئوغۇلنى ئاللا بەردى
-
تەڭرىقۇت
تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 178
، ياقتۇرغانلار: 0
تەڭرى بەختلىك قىلغان؛ تەڭرى بەرگەن بەخت
-
تەۋەككۈل
(تەۋەككۇل) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 180
، ياقتۇرغانلار: 0
ئۆزىنى ئاللاغا تاپشۇرماق
-
توختى
(توختاش، توختەك، توختەم، توختامىش) تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 172
، ياقتۇرغانلار: 0
بۇ، پەرزەنتنىڭ سالامەت قاتارغا قوشۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، «توختاپ قالسۇن، ئۆلۈپ كەتمىسۇن» دېگەن مەنىدە قويۇلغان ئىسىم.
-
تەۋپىق
تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 225
، ياقتۇرغانلار: 0
مۇۋەپپەقىيەت، ئۇتۇق، نەتىجە، شەرەپ، بەخت؛ ئىنساب
-
تۇر
(تۇرەك، تۇرەم، تۇرۇم، تۇراق) تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 162
، ياقتۇرغانلار: 0
بۇ، «تۇرۇپ قالسۇن» ياكى «قاراۋۇلخانا، ئېگىز دۆڭ» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. ئەرەبچىدە (قەدىمكى سۈرىيە تىلىدا) «تاغ» دېگەن مەنىگە ئىگە.
-
تۇردى
(تۇردەش، تۇردەم) تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 138
، ياقتۇرغانلار: 0
پەرزەنتنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى، ئۇزاق ياشىشىنى تىلەپ قويۇلغان ئىسىم.
-
تۇرغان
(تۇرغانجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 160
، ياقتۇرغانلار: 0
تۇرغۇن يۇلتۇزدەك مەڭگۈ چاقناپ تۇرسۇن، تۇرغۇن بولسۇن، تۇرۇپ قالسۇن.
-
تۇرۇپ
(تۇرۇپجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 133
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) كۆكتات ئىسمى، (2) تۇرۇپ قالسۇن.
-
تۇغلۇقتۆمۈر
تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 139
، ياقتۇرغانلار: 0
تۇغلۇق: ئىسمى، تۆمۈر: سۈپىتى (بۇ، تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىس ئىسمى)
-
تۇيغۇن
(تايغۇن، تۇيغۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 284
، ياقتۇرغانلار: 0
ھوشيار، زېرەك
-
تۆرە
(تۆرەم، تۆرىخان) تىل تەۋەلىكى: مكۆرۈلۈشى: 180
، ياقتۇرغانلار: 0
بەگزادە، ئاقسۆڭەك، كىچىك خوجام، كىچىك ئىشان (بۇ، ئەسلىي موڭغۇلچە «تۇراھ» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىشان ۋە خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆرمەت نامى بولۇپ قالغان، دېيىلىدۇ)
-
تۆمۈر
تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 153
، ياقتۇرغانلار: 0
مېتال ئىسمى (بۇ يەردە تۆمۈردەك مەھكەم، چىداملىق ئوغۇل بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئارزۇسى ئەكىس ئېتىدۇ).
-
تۈرگۈن
تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 176
، ياقتۇرغانلار: 0
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «تۈركۈن» (قەبىلە) دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگىرىشى
-
تۈمەن
(تۈمەك، تۈمەنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 112
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) ئون مىڭنى بىرلىك قىلغان سان نامى، (2) كۆپ، نۇرغۇن، ساناقسىز، چەكسىز، (3) سۇ يار كەتمەسلىك ئۈچۈن ياكى سۇ يار كەتكەندە دەريا قىرغىقىغا مەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياكى يار كەتكەن جايغا تاشلىنىدىغان شاخ-شۇمبىلىق، ئۇزۇن، گىگانت ئورۇندا ياكى مۇداپىئە توسۇقى.
-
تېپىۋالدى
تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 105
، ياقتۇرغانلار: 0
بۇ ئىسىمدا ئاللا بىر ئوغۇل بەرگەنلىكى، ئۇنى «تېپىۋالدى» قىلىپ باققانلىقى، شۇنداق بولغاندا كۆز تەگمەيدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.
-
تېكىن
تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 391
، ياقتۇرغانلار: 0
شاھزادە؛ قۇل
-
تىلەك
(تىلەش، تىلەم، تىلەمجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 164
، ياقتۇرغانلار: 0
ئۈمىد، ئارزۇ (بۇ يەردە پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئىبارەت تىلەككە يەتكەنلىك مەنىسى ئىپادىلىنىدۇ)
-
تىلىۋالدى
تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 158
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاللادىن پەرزەنت تىلىۋالدى.
-
تاشپولات
تىل تەۋەلىكى: ئۇ پكۆرۈلۈشى: 134
، ياقتۇرغانلار: 1
تاش ۋە پولاتتەك مەھكەم
-
تۇرسۇن
(تۇرسۇنجان، تۇسۇنجان، تۇسۇن، تۇسۇق) تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 171
، ياقتۇرغانلار: 1
تۇرۇپ قالسۇن، ئۆمرى ئۇزاق بولسۇن.
-
تۇرغۇن
(تۇرغۇنجان، تۇغۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 193
، ياقتۇرغانلار: 1
تۇرغۇن يۇلتۇزدەك مەڭگۈ چاقناپ تۇرسۇن، تۇرغۇن بولسۇن، تۇرۇپ قالسۇن.
-
تۈرك
(تۈرۈك) تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 258
، ياقتۇرغانلار: 1
مىللەت نامى (بۇ يەردە «تۈرك مىللىتىدىن بولغان ئوغۇل» دېگەن مەنە ئىپادە قىلىنىدۇ)
-
تۇغلۇق
تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 173
، ياقتۇرغانلار: 24
بايراقدار، بايراق تۇتقۇچى، بايرىقى بار، بايراقلىق