كىشى ئىسىملىرى

  • تېپىۋالدى
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 337 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ ئىسىمدا ئاللا بىر ئوغۇل بەرگەنلىكى، ئۇنى «تېپىۋالدى» قىلىپ باققانلىقى، شۇنداق بولغاندا كۆز تەگمەيدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

  • تۈمەن
    (تۈمەك، تۈمەنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 372 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئون مىڭنى بىرلىك قىلغان سان نامى، (2) كۆپ، نۇرغۇن، ساناقسىز، چەكسىز، (3) سۇ يار كەتمەسلىك ئۈچۈن ياكى سۇ يار كەتكەندە دەريا قىرغىقىغا مەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياكى يار كەتكەن جايغا تاشلىنىدىغان شاخ-شۇمبىلىق، ئۇزۇن، گىگانت ئورۇندا ياكى مۇداپىئە توسۇقى.

  • تەڭرىبەردى
    (تەڭرىۋەدى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 393 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ ئوغۇلنى ئاللا بەردى

  • تاشمۇھەممەد
    (تاشمەت، تاشمەمەت، تاشمەممەت) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 398 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    تاش: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى

  • تاشپولات
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 414 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    تاش ۋە پولاتتەك مەھكەم

  • تالىب
    (تالىپ، تايلىپ، تالىش، تالىپجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 430 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى، ئوقۇغۇچى

  • تارخان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 434 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (قەدىمكى ئۇنۋان ناملىرىدىن بىرى بولۇپ، ھۆكۈمران تەبىقىنىڭ ئىمتىيازلىق ئەزالىرىغا بېرىلىدۇ ھەمدە ئۆزىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىمتىيازى ئەۋلادلىرىغا مىراس بولۇپ قالىدۇ)

  • تۇغلۇقتۆمۈر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 435 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تۇغلۇق: ئىسمى، تۆمۈر: سۈپىتى (بۇ، تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىس ئىسمى)

  • تىلەك
    (تىلەش، تىلەم، تىلەمجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 458 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۈمىد، ئارزۇ (بۇ يەردە پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئىبارەت تىلەككە يەتكەنلىك مەنىسى ئىپادىلىنىدۇ)

  • تىلىۋالدى
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 465 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    ئاللادىن پەرزەنت تىلىۋالدى.

  • تۆرە
    (تۆرەم، تۆرىخان) تىل تەۋەلىكى: م تىل كۆرۈلۈشى: 474 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەگزادە، ئاقسۆڭەك، كىچىك خوجام، كىچىك ئىشان (بۇ، ئەسلىي موڭغۇلچە «تۇراھ» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىشان ۋە خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆرمەت نامى بولۇپ قالغان، دېيىلىدۇ)

  • تۈرگۈن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 480 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 7 ياقتۇرۇش

    قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «تۈركۈن» (قەبىلە) دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگىرىشى

  • تەڭرىقۇت
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 482 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تەڭرى بەختلىك قىلغان؛ تەڭرى بەرگەن بەخت

  • تۇرۇپ
    (تۇرۇپجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 491 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 17 ياقتۇرۇش

    (1) كۆكتات ئىسمى، (2) تۇرۇپ قالسۇن.

  • تۇرغان
    (تۇرغانجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 505 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    تۇرغۇن يۇلتۇزدەك مەڭگۈ چاقناپ تۇرسۇن، تۇرغۇن بولسۇن، تۇرۇپ قالسۇن.

  • تۆمۈر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 506 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 18 ياقتۇرۇش

    مېتال ئىسمى (بۇ يەردە تۆمۈردەك مەھكەم، چىداملىق ئوغۇل بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئارزۇسى ئەكىس ئېتىدۇ).

  • تۇردى
    (تۇردەش، تۇردەم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 507 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 20 ياقتۇرۇش

    پەرزەنتنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى، ئۇزاق ياشىشىنى تىلەپ قويۇلغان ئىسىم.

  • تەۋەككۈل
    (تەۋەككۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 529 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    ئۆزىنى ئاللاغا تاپشۇرماق

  • توختى
    (توختاش، توختەك، توختەم، توختامىش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 529 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 20 ياقتۇرۇش

    بۇ، پەرزەنتنىڭ سالامەت قاتارغا قوشۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، «توختاپ قالسۇن، ئۆلۈپ كەتمىسۇن» دېگەن مەنىدە قويۇلغان ئىسىم.

  • تاھىر
    (تايىر، تايى، تايەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 537 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 20 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: پاك.

  • تۇرسۇن
    (تۇرسۇنجان، تۇسۇنجان، تۇسۇن، تۇسۇق) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 541 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    تۇرۇپ قالسۇن، ئۆمرى ئۇزاق بولسۇن.

  • تەۋپىق
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 567 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    مۇۋەپپەقىيەت، ئۇتۇق، نەتىجە، شەرەپ، بەخت؛ ئىنساب

  • تۇرغۇن
    (تۇرغۇنجان، تۇغۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 583 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 17 ياقتۇرۇش

    تۇرغۇن يۇلتۇزدەك مەڭگۈ چاقناپ تۇرسۇن، تۇرغۇن بولسۇن، تۇرۇپ قالسۇن.

  • تۇر
    (تۇرەك، تۇرەم، تۇرۇم، تۇراق) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 589 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    بۇ، «تۇرۇپ قالسۇن» ياكى «قاراۋۇلخانا، ئېگىز دۆڭ» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. ئەرەبچىدە (قەدىمكى سۈرىيە تىلىدا) «تاغ» دېگەن مەنىگە ئىگە.

  • تۇغلۇق
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 607 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 24 ياقتۇرۇش

    بايراقدار، بايراق تۇتقۇچى، بايرىقى بار، بايراقلىق

  • تۈرك
    (تۈرۈك) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 785 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    مىللەت نامى (بۇ يەردە «تۈرك مىللىتىدىن بولغان ئوغۇل» دېگەن مەنە ئىپادە قىلىنىدۇ)

  • تېكىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 831 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    شاھزادە؛ قۇل

  • تۇيغۇن
    (تايغۇن، تۇيغۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 976 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    ھوشيار، زېرەك