كىشى ئىسىملىرى
-
بەھمەن
(بامان) تىل تەۋەلىكى:
كۆرۈلۈشى: 298
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) قەدىمكى ئىران خۇدالىرىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى، بەزى ماتېرىياللاردا ئىران شاھلىرىدىن بىرىنىڭ نامى دېيىلىدۇ، (2) بىر خىل ئۆسۈملۈك نامى، (3) ئىران ھېسابىدا شەمسىيە 11-ئاي نامى (قىش ئېيى)، [11-ئايدا (قىش ئېيىدا) تۇغۇلغان دېگەن مەنىدە]؛ (4) ياخشى ئۇقۇم. يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە
-
بۆرەباي
(بۆرىۋاي) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 323
، ياقتۇرغانلار: 0
بۆرە: ئىسمى، باي: سۈپىتى (بۆرە كەبى چەبدەس ۋە ئەقىللىق ئوغۇل)
-
بۇنيامىن
تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 326
، ياقتۇرغانلار: 0
يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى، مەنىسى ئېنىق ئەمەس.
-
بوقۇرسا
(بوقۇسا) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 332
، ياقتۇرغانلار: 0
بىر خىل دېھقانچىلىق سايمىنى
-
بوران
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 333
، ياقتۇرغانلار: 0
كۈچلۈك شامال
-
بەسەر
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 339
، ياقتۇرغانلار: 0
كۆرۈش قۇۋۋىتى، نەزەر كۈچى
-
بەھزاد
(بەخزات، بېھزات) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 343
، ياقتۇرغانلار: 0
ياراملىق ئوغۇل
-
بارمان
(بامان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 348
، ياقتۇرغانلار: 0
دۆلەتمەن. ئىزاھات: «بارمان» مۇ «بامان» غا ئۆزگىرىپ، «بەھمەن» نىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.
-
بەشىر
(بېشىر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 351
، ياقتۇرغانلار: 0
خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
بالىخان
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 353
، ياقتۇرغانلار: 0
بۇ ئەركىلەتمە ئىسىسم بولۇپ «خان بالام» دېگەن بولىدۇ؛ ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.
-
بۇرسلان
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 356
، ياقتۇرغانلار: 10
قاپلان
-
باسىت
(ۋاسىت، گاسىت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 357
، ياقتۇرغانلار: 0
نازۇ-نېمەتلىرىنى كەڭ يايغۇچى
-
بىلگە
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 357
، ياقتۇرغانلار: 0
ئالىم، ئاقىل، بىلىملىك، دانىشمەن. ئىزاھات: تۈركىيەدە قىزلارغىمۇ قويۇلىدۇ.
-
بەگيار
(بىگيار، بىكيار) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ
كۆرۈلۈشى: 358
، ياقتۇرغانلار: 0
بەگ (ئاللا) يار بولغۇچى. ئىزاھات: «بەگقۇلى، بەگيار» دېگەندەك ئىسىملاردىكى «بەگ» بۇ يەردە ئاللانى كۆرسىتىدۇ.
-
بەرۇز
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 364
، ياقتۇرغانلار: 0
يەكمۇيەك جەڭچى
-
بەھرۇز
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 365
، ياقتۇرغانلار: 0
بەختلىك
-
بۇلبۇل
(بۇلبۇلجان، بۇلبۇلخان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 369
، ياقتۇرغانلار: 0
قۇش ئىسمى (بۇ يەردە بۇلبۇلدەك گۈزەل ۋە يېقىملىق دېگەن مەنىدە كېلىدۇ). ئىزاھات: بۇ ئىسىم ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ، ئۆزگىرىشلىرىدىن «بۇلبۇلجان» ئەرلەرگە، «بۇلبۇلخان» جەزمەن ئاياللارغا قويۇلىدۇ.
-
بۆرەتېكىن
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 369
، ياقتۇرغانلار: 0
بۆرە كەبى ئەقىللىق شاھزادە
-
بۆرەيار
(بۆرىيار) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ
كۆرۈلۈشى: 370
، ياقتۇرغانلار: 0
بۆرە يار بولىدۇ، بۆرە يول باشلايدۇ (بۇ يەردىمۇ ئەجدادلارغا سېغىنىش روھى ئەكىس ئېتىدۇ)
-
بايقارا
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 378
، ياقتۇرغانلار: 0
چوڭ باي
-
بابا
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 381
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاتا
-
بوسۇغا
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 386
، ياقتۇرغانلار: 0
ئىشىك بوسۇغىسىنى كۆرسىتىدۇ (بۇ يەردە پەرزەنتنىڭ چىداملىق، كەمتەر چوڭ بولۇشى ئۈمىد قىلىنغان)
-
بوغۇن
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 389
، ياقتۇرغانلار: 0
ئەۋلاد، بالا، نەسىل
-
باي
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 390
، ياقتۇرغانلار: 0
بۇ ئىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە باياشاتلىق تىلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ بەزى ھاللاردا «ئوغۇل، يىگىت» دېگەن مەنىلەردىمۇ كېلىدۇ.
-
بىلگىيار
(بىلىگيار) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ
كۆرۈلۈشى: 392
، ياقتۇرغانلار: 0
ئىلىمنى ۋە ئالىمنى دوست تۇتقۇچى
-
بەدەل
(بەدەلخان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 395
، ياقتۇرغانلار: 1
ئىزباسار
-
بەختى
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 396
، ياقتۇرغانلار: 0
بەخت؛ بەختلىك. ئىزاھات: ئەسلىيسى «بەخت». قازاق كىشى ئىسىملىرىدا «باقىت» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.
-
بوۋاق
(بوۋاقىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 396
، ياقتۇرغانلار: 0
بوۋاقتەك پاك ۋە يېقىشلىق
-
بەدئ
(بەدى) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 404
، ياقتۇرغانلار: 0
مەشھۇر، ئاجايىپ، چىرايلىق، گۈزەل،ياراتقۇچى، ئىجادكار، ئىجادىيەتچى. ئىزاھات: بۇ يەردىكى «بەدى» بولسا «بەردى» دىن ئۆزگەرگەن «بەدى» گە تەلەپپۇز جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ (ئۇنىڭدىكى «ـە» سوزۇق تاۋۇشى قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ).
-
بەھرى
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 407
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) پايدا، مەنپەئەت، (2) ئەرەبچىدە دېڭىزنى ۋە دېڭىز قاتنىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ مىسىردا تۆۋەنكى مىسىرنى كۆرسىتىدۇ.