كىشى ئىسىملىرى

  • ئورخۇن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 132 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    موڭغۇل ئىگىزلىكىدىكى بىر دەريانىڭ نامى؛ «بۈيۈك، يۈكسەك، ھۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

  • ئوسمان
    (ئوسمانجان، ئوسمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 129 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كىچىك يىلان، يىلان بالىسى. ئىزاھات: «ئوسمان» نىڭ ئەسلىيسى «ئۇسمان». گەرچە بۇ ئىسىمنىڭ قەدىمكى ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۇنى چاھاريارلادىن بولغان ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويغان.

  • ئوغلان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 175 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوغۇل، باتۇر؛ ئوغۇللار

  • ئوغۇز
    (ئوغۇزخان، ئوغۇزجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 194 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئوغۇز سۈتى (تۇنجى ئەمگەن سۈت)، (2) ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ نامى. ئىزاھات: «ئوغۇزخان» تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر داستانى «ئوغۇزنامە» دە تىلغا ئېلىنىدىغان بۈيۈك قەھرىماننىڭ نامى بولۇپ، ئەرلەرگە قويۇلىدۇ.

  • ئوغۇز بىلگە
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 126 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوغۇزلارنىڭ بىلىملىك كىشىسى

  • ئوغۇزئالىپ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 116 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوغۇزلارنىڭ قەھرىمانى، باتۇر ئوغۇل

  • ئوغۇزباي
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 94 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوغۇزلاردىن بولغان ئەر

  • ئوغۇزتاي
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 100 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چەبدەس، تېتىك ئوغۇز يىگىتى

  • ئوغۇل
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 195 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يىگىت، باتۇر

  • ئوغۇلتۇرسۇن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 86 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ ئوغۇل تۇرۇپ قالسۇن

  • ئوغۇلتۈرك
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 138 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تۈرك ئوغلى، تۈرك يىگىتى، تۈرك باتۇرى

  • ئوغۇلچاق
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 116 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كىچىك ئوغۇل، ئوغۇل بالا، كېلىشكەن، چىرايلىق ئوغۇل پەرزەنت (بۇ يەردە پەرزەنتنى ئەركىلىتىپ ئەزىزلەپ ئاتاش مەنىسىدە كېلىدۇ)

  • ئوقتۈرك
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 89 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تۈركلەرنىڭ تايانچىسى، تۈركلەرنى ئاساسقا ئىگە قىلغۇچى، تۈرك ھارۋىسىنىڭ ئوقى

  • ئونتاش
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 316 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئونتاش تۈگمەن بار جاي

  • ئويناق
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 91 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    شوخ، تېتىك ئوغۇل