كىشى ئىسىملىرى

  • ئاتىللا
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 647 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    ياۋروپا ھون ئېمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئېمپېراتورلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: بۈيۈك، داڭلىق. بۇ ئىسىم يەنە «ئاتائۇللا» نىڭ بىرخىل ئۆزگىرىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

  • ئالماس
    (ئالماسقارى، ئالماسجان، ئالماسخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 640 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    مېتال ئىسمى («ئالماستەك قاتتىق، مەھكەم» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرى پۈتۈنلەي ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ)

  • ئايتۈنە
    (ئايتۇنە، ئايتۇنەم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 636 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    «ئايتۈن» گە ئەرەبچە مۇئەننەسلىك ئىپادە «ئە» قوشۇلۇپ، ئۆزلەشتۈرۈلگەن

  • ئابدۇسالام
    (ئابدىسالام، ئابسالام، سالام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 635 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سالامەتلىكنى بەرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئايتۈن
    (ئايتۇن، ئايتۇنخان، ئايتۇنقىز، ئايتۇنگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 626 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تۈندىكى ئاي

  • ئايسۇ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 622 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سۈزۈك سۇ، زىلال سۇ.

  • ئارسلان
    (ئارسىلان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 621 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    يولۋاس بالىسى، شىر

  • ئالما
    (ئالمىخان، ئالمىگۈل، ئالمىقىز، ئاممىگۈل، ئاممىقىز) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 618 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 6 ياقتۇرۇش

    مېۋە ئىسمى (بۇ يەردە پەرزەنت ئالمىغا ئوخشىتىلغان)

  • ئايچولپان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 612 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چولپان يۇلتۇزىدەك نۇرلۇق قىز

  • ئايچېچەك
    (ئايچەك) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 608 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چېچەكتەك يۇمران، گۈزەل، پاك قىز

  • ئاينىگار
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 604 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئايدەك كۆرۈنىدىغان، ئاي سۈرەت

  • ئالپ بىلگە قاغان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 592 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىلىمىك، باتۇرخان

  • ئابدۇئەسەد
    (ئابدەسەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 588 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    شىر كەبى ئادەم

  • ئاتلان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 587 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئات سال، يولغا چىق، ئاتقا مىن

  • ئالىم
    (ئالىمجان، غالىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 585 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىلىم ئىگىسى، بىلىمدار، ئەدىب (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئابدۇرەئۇپ
    (ئابدۇراۋۇپ، ئابدىراۋۇپ، ئابدۇرۇپ، ئابدىرۇپ، راۋۇپ، راۋۇپجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 580 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 2 ياقتۇرۇش

    مېھرىبان، شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەئۇپ».

  • ئايتىللا
    (ئايتىللاخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 580 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تىللادەك ئېسىل، قىممەتلىك قىز. ئەسكەرتىش: «ئايتىللا» بولسا «ئايەتۇللا» دىنمۇ ئۆزگىرىدۇ ۋە ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • ئابىدە
    (ئابىدەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 575 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    تەقۋادار؛ دەرۋىش؛ ئىبادەتگۇي، ئىبادەت قىلغۇچى. «ئابىدەم» دىكى «م» قوشۇلۇپ كەلگەن ھەر بىر ئىسىمدا ھۆرمەت مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە شۇ كىشىنى ئۆز كىشىم دەپ ئاتاش مۇناسىۋىتى بىلەن قوشۇلىدۇ. ئۇ بەزى ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىدىن سىرت، ئايرىم دىني دەرىجە-ئەمەل ناملىرىغىمۇ قوشۇلۇپ، ھ

  • ئامىنە
    (ئامىنەم، ئامىنىخان، ئامىنىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 556 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، مەنىسى: (1) ئاللادىن نىجاتلىق تىلەيمەن؛ (2) ئاللا، مېنىڭ تىلىكىمنى ئىجابەت قىلغىن؛ (3) ئىشەنچلىك، سادىق، سەمىمىي، راستچىل، ياۋاش، تىنچ، خاتىرجەم، بىخەتەر، زىيانسىز، ۋاپادار. ئىزاھات: «ئامىنە» بىلەن «ئەمىنە» بىر-بىرىگە ئۆزگىرىدۇ ۋ

  • ئادىلە
    (ئادىلەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 555 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 7 ياقتۇرۇش

    ئادىل ئايال

  • ئالتۇن
    (ئالتۇنخان، ئالتۇنقىز، ئالتۇنگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 554 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 4 ياقتۇرۇش

    مېتال ئىسمى (بۇ يەردە پەرزەنتنى ئالتۇنغا ئوخشىتىش مەنىسى ئەكىس ئەتكەن. شۇڭا «ئالتۇندەك قىممەتلىك ۋە ئەتىۋار قىز» مەنىسىنى بېرىدۇ)

  • ئارەستە
    (ئارەستىخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 551 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چىرايلىق ياسانماق، بىزەنمەك، زىننەتلەنمەك، ياسىنىپ بولماق، گىرىم قىلىپ بولماق؛ چىرايلىق ياسانغان قىز

  • ئابدۇراززاق
    (ئابدۇراززاق، ئابدىراززاق، ئابدىرزاق، راززاق، رازاق، رىزاق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 547 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    رىزقى بەرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەززاق».

  • ئالىمگۈل
    تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 545 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئالىم سۈپەت قىز

  • ئاياز
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 536 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سوغۇققانلىق؛ قىش پەسلى

  • ئازادگۈل
    (ئازاتگۈل) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 529 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 4 ياقتۇرۇش

    ئەركىن قىز، ئەركىنلىك گۈلى

  • ئاتائۇللا
    (ئاتاۋۇللا، ئاتاۋۇل، ئاتاللا، ئاتىللا، ئەتىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 528 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ بەرگىنى، ئاللا بەرگەن ئوغۇل

  • ئايخۇمار
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 522 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    خۇمارلىق قىز

  • ئابدۇلبەسىر
    (ئابدۇبەسىر، ئابدىبەسىر، بەسىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 520 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئايخامۇش
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 517 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تىنچ، مۇلايىم قىز