كىشى ئىسىملىرى

  • ئاباد
    (ئاۋات، ئاۋاتجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 244 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاۋاتچىلىق، مەمۇرچىلىق، ئاۋات جاي، ئاۋات ئۆي

  • ئابامبەگ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 161 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئابام: ئىسمى، بەگ: سۈپىتى

  • ئابامئۇلۇغ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 181 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئابام: ئىسمى، ئۇلۇغ: سۈپىتى

  • ئاباھاجى
    (ئاباجى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 194 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئابا: ئىسمى، ھاجى: قوشۇمچىسى

  • ئاباھاجىم
    (ئاباجىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 170 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئابا: ئىسمى، ھاجىم: قوشۇمچىسى

  • ئابباس
    (ئاباس) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 331 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، مەنىسى: قوشۇمىسى تۈرۈلگەن، چىرايى تۇتۇلغان؛ تۇتۇق ھاۋا. «ئابباس» ئەسلىدە «ئەبباس» بولسىمۇ، تىل ئادىتىمىزگە ئاساسەن شۇنداق ئېلىندى.

  • ئابباسخوجا
    (ئاباسخوجا) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 237 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئابباس: ئىسمى، خوجا: سۈپىتى

  • ئابدۇ
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 208 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ ئىسىم ئادەتتە يالغۇز قوللىنىلمايدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىكى «ئابدۇ» ئەسلىي قويۇلغان ئىسىم ئەمەس، بەلكى ئارقىسىدىكى تەركىب تاشلىۋېتىلگەن ئىسىمدۇر. لېكىن ئۇنىڭ مۇستەقىل مەنىسى بار. ئۇ «بەندە، قۇل، كىشى، ئادەم، ئىنسان» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە. «ئابدۇ» ئەسلىدە (عبد) بولسىمۇ، ئادەت ب

  • ئابدۇئەسئەد
    (ئابدەسەت، ئابدۇئەسەت، ئابدىئەسەت، ئەسئەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 169 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەختلىك كىشى. «ئابدۇئەسئەد» بىلەن «ئابدۇئەسەد» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىدۇ.

  • ئابدۇئەسەد
    (ئابدەسەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 282 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    شىر كەبى ئادەم

  • ئابدۇئەلا
    (ئابدەلا، ئابدۇلئەلا، ئابلەلا، ئابدىئەلا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 202 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەلانىڭ قۇلى («ئەلا» نىڭ مەنىسى: ھەممىدىن ئۈستۈن. بۇ يەردە «ھەممىدىن ئۈستۈن كىشى» دېگەن مەنىدىمۇ كىلىدۇ). ئەسلىيسى «ئابدۇئەئلا».

  • ئابدۇرەھمەت
    (ئابدۇرەخمەت، ئابدىرەخمەت، ئابىرەخمەت، رەخمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 230 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رەھمەتكە سازاۋەر كىشى؛ رەھمەتنىڭ قۇلى («رەھمەت» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى).

  • ئالىپ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 203 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قەھرىمان، باتۇر

  • ئايسۇ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 171 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سۈزۈك سۇ، زىلال سۇ.

  • ئالچىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 537 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چىن كۆڭۈل، سەمىمىي كىشى.

  • ئاقسۇ
    (ئاخسۇ) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 207 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سۈپسۈزۈك، ئەزىز سۇ؛ ئاق ئاقىدىغان سۇ؛ سۇلۇق جاي

  • ئالپ ئەرتوڭا
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 416 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قاپلاندەك باتۇر ئەر

  • ئايتەڭرى
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 337 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تەڭرى: ئىسمى، ئاي: سۈپىتى

  • ئالپ بىلگە قاغان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 233 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىلىمىك، باتۇرخان

  • ئابدۇلئەزىز
    (ئابدۇلئېزىز، ئابدىلئېزىز، ئاۋلىز، ئابلېزىز، ئابلىز، ئەزىز، ئېزىز، ھەزىز، ئابدۇھەزىز، ئابدىھېزىز، ئابدۇئېزىز.) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 203 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلئەزىم
    (ئابدۇلئېزىم، ئابدۇھەزىم، ئابدىلئېزىم، ئابدىئېزىم، ئابدىزىم، ئابدەزىم، ئابلېزىم، ئابلىزىم، ئابدىسىم، ئابدىھېزىم، ئېزىم، ھېزىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 202 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۇلۇغ، كاتتا ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئامان
    (ئامانجان، ئامانخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 183 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىشەنچىلىك، تىنچ، بىخەتەر، خاتىرجەم

  • ئابدۇللا
    (ئابدۇللام، ئابلا، ئابلام، ئابدۇل، ئابدۇلجان، ئابلاق، ئابۇش، ئابلاجان، ھەبدۇللا، ھەبىدۇللا، ھەبدۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 229 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، «ئاللانىڭ بەندىسى، ئاللانىڭ قۇلى» دېگەنلىك بولىدۇ.

  • ئابدۇلكەرىم
    (ئابدۇكەرىم، ئابدۇكېرىم، ئابدىكىرىم، ئابدۇك، كېرىم، ئابدىكىرەم، كىرەم، ئابا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 165 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سېخىي، كارامەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلكەبىر
    (ئابدۇكەبىر، ئابدىكەبىر، ئابدىكېۋىر، كەبىر، كېۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 153 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەممىدىن ئۇلۇغ ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلقەييۇم
    (ئابدۇقەييۇم، ئابدىقەيۇم، ئابدىقىيۇم، قېيۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 205 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مەڭگۈ ھايات ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلقاھھار
    (ئابدۇقاھھار، ئابدۇقاھار، ئابدىقاھار، ئابدىقاخار، قاھار، قاھارجان، قاخار) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 173 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    پۈتۈن ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇلقەھھار».

  • ئابدۇلقادىر
    (ئابدۇقادىر، ئابدىقادىر، قادىر، ئابدۇقادى، ئابدىقادى، قادى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 285 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى، ھەممىگە قادىر ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلغەنى
    (ئابدۇغەنى، ئابدۇغېنى، ئابدىغېنى، غېنى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 204 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    باي ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئادۇلغەپۇر
    (ئابدۇغوپۇر، ئابدىغوپۇر، غوپۇر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 148 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كەچۈرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى