كىشى ئىسىملىرى

سىز ئىزدىگەن «ئىسمى ئوغۇل» نىڭ ئىزدەش نەتىجىسى
1131 ئوغۇل ئىسىملىرى بار
  • ھەزرەت
    (ھەزىرەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 162 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھۆرمەتلىك، ئالىيجاناب، ئەزىز، ئۇلۇغ، جانابىي، ئەپەندى

  • ھەزىم
    (ھەزىمجان، ھېزىم، ھېزىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 148 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئوتۇن، ئوتۇنچى، (2) ئىرادىلىك، قەتئىي، كەسكىن، (3) گۈلدۈرماما، (4) ئۇلۇغ، زور، كاتتا، ھەشەمەتلىك؛ نىيەت، ئىنتىلىش. ئىزاھات: «ئەزىم» مۇ «ھەزىم» گە ئۆزگىرىدۇ.

  • ھەسرەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 229 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەسرەت، قايغۇ

  • ھەسەن
    (ھەسەنجان، ھەسۇنق، ھەسەك، خەسەن، ھاسان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 152 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياخشى، گۈزەل، چىرايلىق [بۇ ئىسىم قوشكېزەك تۇغۇلغان جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلىدۇ، ئايرىممۇ قويۇلىدۇ. جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلغاندا كۆپىنچە يەنە بىرىگە «ھۈسەيىن» (ھۈسەن) قويۇلىدۇ. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرى ئىمامھەسەن، ئىمامھۈسەيىنگە تەقلىد قىلىنغان]. ئىزاھا

  • ھەق
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 153 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەقىقىي، دۇرۇس؛ ھوقۇق، ئىمتىياز، ھەقىقەت، ئەمەلىيەت، راستلىق، راست، توغرا، بار، ساۋاب (بۇ ئىسىممۇ «الـ» لىق كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ). ئەسلىيسى «ھەقق».

  • ھەكىم
    (ھېكىم، ھېكىمجان، خەكىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 151 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھۆكۈما، دانىشمەن، ئەقىللىق، پەيلاسوپ، تېۋىپ (بۇ ئىسىممۇ «الـ» لىق كەلگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • ھەللاجى
    (ھىلاجى) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 103 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) چىغرىقچى، پاختا چىقارغۇچى، (2) پاختا ئاتماق، (3) ئىنچىكە تەھلىل قىلماق. ئىزاھات: «ئەلىھاجى» مۇ «ھىلاجى» غا ئۆزگىرىدۇ. «ھەللاجى» نىڭ ئەسلىيسى «ھەللاج»

  • ھەلىل
    (ھېلىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 111 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەر ھەمراھ

  • ھەلىم
    (ھېلىم، ھېلىمجان، ھېلەك، ھەلەك، ھىلەك، خالىم، خەلىم، خەلىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 112 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ياۋاش، تاقەتلىك، كەڭ قورساق، مۇلايىم، (2) ھەممىنى بىلگۈچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • ھەمدۇللا
    (ھەمدۇل، ئەمدۇللا، ئەمدۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 107 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانى مەدھىيەلىمەك. ئىزاھات: «ھەمىدۇللا» مۇ «ھەمدۇللا» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • ھەمدەم
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 141 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەمنەپەس، سىرداش دوست

  • ھەمزۇللا
    (ھەمزۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 140 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا ئۆتكۈرلۈكنى بەرگەن كىشى

  • ھەمزە
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 129 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) كەسكىن، ئۆتكۈر؛ (2) ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى بىرىنچى ھەرپ (ئەلىپنىڭ «ٴ» بەلگىسى قويۇلغاندىن كېيىنكى ئاتىلىشى)

  • ھەمكار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 180 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىللە ئىشلىگۈچى، ئىشداش

  • ھەمىد
    (خەمىت، ئىمىت، يىمىت، ھېمىت، ھىمىت، ئىمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 104 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ماختاشقا لايىق، ئاقىۋىتى ياخشى، سالامەت

  • ھەمىدۇللا
    (ھەمدۇل، ھەمدۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 101 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللاغا مەدھىيە ئوقۇغۇچى، ئاللانى ماختىغۇچى

  • ھەمىم
    (ھەمىجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 150 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دوست، سەپداش، ئامرىقى، يېقىنى

  • ھەمەل
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 531 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قوزا، قوزىچاق

  • ھەنىپ
    (ھېنىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 102 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    توغرا، ھەق؛ پاك

  • ھەنىپۇللا
    (ھېنىپۇللا، ھېنىپۇللام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 96 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ توغرا قاراشتىكى، پاك كىشىسى

  • ھەيبۇللا
    (ھەيبۇل، ھەيۋۇل، ھەيۋۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 112 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ كارامىتى، ئاللانىڭ ھەيۋىتى

  • ھەيدەر
    (ھەيدەرجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 316 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئارسلان، شىر، (2) باتۇر، باتۇر ئەر

  • ھەپىزۇللا
    (ھەپىزۇل، ھەۋىزۇللا، ھەزىللا، ھېۋىزۇللا، ھېۋىزۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 132 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا ساقلىغان كىشى

  • ۋائىد
    (ۋائىت، ۋايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 166 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۈمىدلىك، ئىستىقباللىق؛ ئەھدە قىلغۇچى، ۋەدە بەرگۈچى. ئىزاھات: «ۋاھىد» بىلەن «ۋائىد» ئوخشاشلا «ۋايىت» قا ئۆزگىرىدۇ.

  • ۋائىز
    (ۋايىز، ۋاخىز، ۋايىس) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 132 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ۋاجىب
    (ۋاجىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 203 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تاپشۇرۇق؛ زۆرۈرىيەت

  • ۋاجىد
    (ۋاجىت، گاجىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 156 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىجاد قىلغۇچى، ئىجادكار، ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى، ئىمكانىيەتلىك

  • ۋادى
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 181 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تاغ باغرى، دەريا بويى، كەلكۈن كەلگەندە سۇ ئاقىدىغان جايلار؛ ئېقىن

  • ۋارىس
    (ۋارسجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 195 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ۋارسلىق قىلغۇچى، مىراسخور

  • ۋازىر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 166 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئالماس، (2) يىمىرىلمەس، باتۇر، (3) ۋەزىر