كىشى ئىسىملىرى
-
شىجائەت
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 552
، ياقتۇرغانلار: 0
غەيرەت، جۈرئەت، باتۇرلۇق
-
شىرئەلى
(شىرەلى، شىرلى) تىل تەۋەلىكى: پ ئە
كۆرۈلۈشى: 410
، ياقتۇرغانلار: 12
ئەلىدەك باتۇر، ئەلىدەك شىر سۈپەت؛ شىردەك ئەلى؛ ئەلىنىڭ شىردەك باتۇرى (ئەلى - چاھاريارلاردىن بىرى)
-
شىراق
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 456
، ياقتۇرغانلار: 3
پاچاقنىڭ تىزدىن ئوشۇققىچە بولغان قىسمى
-
شىپا
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 384
، ياقتۇرغانلار: 0
داۋا، داۋالاش، دورا؛ ساقايماق، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلمەك. ئەسلىيسى «شىپائى».
-
شۆھرەت
(شۆرەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 665
، ياقتۇرغانلار: 10
مەشھۇر بولماق، تونۇلماق، شۆھرەت، نام
-
شۇكۇر
(شۈكۈر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 482
، ياقتۇرغانلار: 13
شۈكۈر قىلماق، رەھمەت ئېيتماق
-
شۇڭقار
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 606
، ياقتۇرغانلار: 5
بىر خىل قۇش (قارچۇغا) نامى
-
شېرىنجان
(شىرىنجان) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 466
، ياقتۇرغانلار: 1
شېرىن: ئىسمى، جان: قوشۇمچىسى
-
شەرىپ
(شېرىپ، شىرىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 396
، ياقتۇرغانلار: 12
شەرەپلىك، قىممەتلىك، ئۇلۇغ، مۇنەۋۋەر، يۈكسەك، ئالىي
-
شەرىپىدىن
(شەرپىدىن، شەرپى) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 410
، ياقتۇرغانلار: 0
دىننىڭ شەرىپى، دىننىڭ ئۇلۇغ كىشىسى، دىننىڭ ئۇلۇغلۇقى. ئەسلىيسى «شەرىپىددىن».
-
شەرەپ
(شاراپ، شاراپخان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 451
، ياقتۇرغانلار: 0
ئۇلۇغلۇق، پەخىر، قىممەت؛ ئۈستۈنلۈك، مەرتىۋە، ئابرۇي، ئالىيجانابلىق، ھەيۋەت؛ ئېسىللىق، سالاپەت. ئىزاھات: «شاراپخان» يەنىلا ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ.
-
شەمسى
(شەمشى) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 441
، ياقتۇرغانلار: 10
قۇياش، كۈن؛ قۇياش كەبى. ئىزاھات: «شەمسى، شەمىس، شەمسىدىن» لەر ئوخشاشلا «شەمشى» گە ئۆزگىرىدۇ.
-
شەمسىدىن
(شەمشىدىن، شەمشى) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 413
، ياقتۇرغانلار: 10
دىننىڭ قۇياشى. ئەسلىيسى «شەمسىددىن».
-
شەمشاد
(شەمشات) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 732
، ياقتۇرغانلار: 0
تۈز ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخ
-
شەمشەر
(شەمشىر) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 411
، ياقتۇرغانلار: 9
ئۆتكۈر پىچاق، قىلىچ
-
شەمەر
(شەمىر، شىمەر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 477
، ياقتۇرغانلار: 0
ئىتتىك، كەسكىن
-
شەنبە
(شەمبە، شەمبىگۈل) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 453
، ياقتۇرغانلار: 10
كۈن ئىسمى (كۈن). ئىزاھات: «شەمبىگۈل» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.
-
شەيدا
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 503
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاشىق، ئاشىق بولماق، ئاللاغا ئاشىقلىق قىلماق
-
شەيدائى
(شەيدايى) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 404
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاشىق كەبى؛ ئاشىقلىققا خاس
-
شەھرىيار
(شەرىيار، شورىيار، شورىيا) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 486
، ياقتۇرغانلار: 10
بۈيۈك شاھ؛ شۆھرەت يار بولغاي. «شەھرىيار» بەزى جايلاردا ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.
-
شەھرۇللا
(شارۇل، شارۇللا، شەھرۇل، شەرۇل، شەرۇللا، شەرۇللام) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 734
، ياقتۇرغانلار: 9
ئاللانىڭ شۆھرىتى
-
شەۋقى
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 411
، ياقتۇرغانلار: 0
ئىشققا خاس؛ مۇھەببەتلىك، قىزغىن
-
شەۋكەت
(شاۋكەت، شۆكەت، شۆۋكەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 516
، ياقتۇرغانلار: 13
ھەيۋەت، ئۇلۇغ، كۈچلۈك
-
غازى
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 374
، ياقتۇرغانلار: 12
ئاللا يولىدا جەڭ قىلغۇچى
-
غالىب
(غالىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 526
، ياقتۇرغانلار: 10
غەلىبە قىلغۇچى
-
غاپىر
(غاپۇر، غاپۇرجان، غاپىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 370
، ياقتۇرغانلار: 0
ئەپۇ قىلغۇچى، كەچۈرگۈچى
-
غاپپار
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 418
، ياقتۇرغانلار: 9
دائىم ئەپۇ قىلغۇچى، كەچۈرگۈچى، مەغپىرەت قىلغۇچى. ئەسلىيسى «غەپپار».
-
غىياس
(غىياز) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 582
، ياقتۇرغانلار: 0
ياردەم بەرگۈچى، ياردەمچى، قۇتۇلدۇرماق، قۇتۇلدۇرۇش مېلى
-
غىياسىدىن
(غىيازىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 1125
، ياقتۇرغانلار: 10
دىننىڭ ياردەمچىسى
-
غۇلام
(غۇلامجان) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 495
، ياقتۇرغانلار: 9
ياش يىگىت؛ ياش چاكار، قۇل