كىشى ئىسىملىرى

سىز ئىزدىگەن «ئىسمى ئوغۇل» نىڭ ئىزدەش نەتىجىسى
1132 ئوغۇل ئىسىملىرى بار
  • سەرۋەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 919 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) بايلىق (تەبئىي بايلىق)، (2) بىر تۈپ سەرۋى دەرىخى

  • سەزگىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 359 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سېزىمچان، ھوشيار، زېرەك

  • سەزگۈر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 338 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    سېزىمچان، ھوشيار، زېرەك

  • سەلكىن
    (سالقىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 455 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سالقىن، يېقىشلىق، راھەتلىك، سۆرۈن شامال؛ سالقىنداش، راھەتلىنىش

  • سەلىم
    (سېلىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 470 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ساغلام، ساق-سالامەت

  • سەمەد
    (سەمەت، سەمەتخان، سەمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 364 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    مەڭگۈلۈك، دائىملىق، مەڭگۈ

  • سەييىد
    (سېيىت، سىيىت، سىتەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 386 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    خوجا، بەگ، ئەپەندى، ئۇستاز، پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). «سەييىد، سەييىدى» دېگەندە ئومۇمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەزىدە ئوغۇل پەرزەنتلەرمۇ «خوجام» دەپ ئەتىۋارلىنىدۇ ۋە «سەييىدى» بىلەن ئوخشاش كېلىدۇ.

  • سەيپۇللا
    (سەيپۇل، سەيپۇك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 446 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ قىلىچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سەپەر
    (سىپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 417 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    (1) سەپەر قىلماق، سەپەر قىلغۇچى؛ (2) سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغان؛ (3) سەپەر ئېيىدا تۇغۇلغان. ئىزاھات: «سەپەر» ئەسلىدىنلا سپەر ئېيىنىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، «سەپەر قىلماق» نى بىلدۈرمەيدۇ. لېكىن بەزىلەر بىلدۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.

  • سەھەر
    (سەھەرجان، سەخەرجان، سەخەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 382 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەتىگەن، تاڭ مەزگىلى، تاڭ

  • شائىر
    (شايىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 436 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھېسسىياتچان؛ شېئىر يازغۇچى

  • شابىھان
    (شابان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 409 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سېرىق مىس

  • شاتۇر
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 424 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چاققان، يۈگۈرۈك، يەلتاپان

  • شادىمان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 384 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    خۇشال، خۇشاللىق، شاد-خۇراملىق. «شادىمان» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • شاقۇر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 378 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    شارقىراتما (يەر نامى)

  • شاكىر
    (شاكىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 452 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    شۈكۈر قىلغۇچى، رەھمەت ئېيتقۇچى

  • شامىر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 440 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىتتىك، كەسكىن، تېز

  • شامىل
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 364 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تولۇق، مۇكەممەل، ئومۇمىيۈزلۈك، كەڭ

  • شاپتۇل
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 487 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 7 ياقتۇرۇش

    مېۋە ئىسمى

  • شاھئامان
    (شامان) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 358 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئامان: ئىسمى، شاھ: سۈپىتى («ئامانلىقنىڭ شاھى، ئامانلىق ئاتا قىلغۇچى؛ تىنچ-ئامان ئوغۇل» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)

  • شاھاب
    (شاھاپ، شاخاپ، شىھاب) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 403 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يورۇق يۇلتۇز؛ ئۇچقۇن؛ راكىتا. ئەسلىيسى «شەھاب» ياكى «شىھاب»

  • شاھابىدىن
    (شاھاۋىدىن، شاۋۇدۇن، شىھاۋىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 430 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ يورۇق يۇلتۇزى. ئەسلىيسى «شەھابۇددىن» ياكى «شەھابىددىن»

  • شاھباز
    (شاۋاز) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 493 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قارچۇغا

  • شاھجاھان
    (شاجاھان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 492 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جاھاننىڭ پادىشاھى. ئەسلىيسى «شاھجەھان».

  • شاھرۇھ
    (شاھرۇخ، شارۇخ، شارۇق) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 380 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا بەرگەن جان

  • شاھزاد
    (شاھزات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 1083 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    شاھ بالىسى، شاھ ئەۋلادى

  • شاھمىرزا
    (شامىرزا) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 410 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىلىملىك ئوغۇل

  • شاھمەشرەب
    (شامەشرەپ) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 372 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مەشرەب: ئىسمى، شاھ: سۈپىتى

  • شاھىمەردان
    (شامەردان، شايىمەردان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 449 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مەردلەرنىڭ شاھى، يىگىتلەرنىڭ يىگىتى، باتۇرلارنىڭ باتۇرى (چاھاريارلاردىن ئەلىنىڭ لەقىمى)

  • شاھيار
    (شايار) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 415 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا يار بولغاي؛ جاي نامى