كىشى ئىسىملىرى

سىز ئىزدىگەن «ئوغۇل ئىسمى» نىڭ ئىزدەش نەتىجىسى
1132 ئوغۇل ئىسىملىرى بار
  • ئابا

    (ئاباخان، ئاباق، ئابام، ئابىخان، ئابەش، ئابەك، ئاباش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 716كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    دادا، ئاتا، ئاتام (بۇ ئىسىمدا ئاتا ئۇلۇغلانغان). «ئابدۇلۋاھاب، ئابدۇكەرىم» قاتارلىق بىر قانچە ئىسىملارمۇ «ئابا» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • ئاباد

    (ئاۋات، ئاۋاتجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 526كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاۋاتچىلىق، مەمۇرچىلىق، ئاۋات جاي، ئاۋات ئۆي

  • ئابامئۇلۇغ

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 447كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئابام: ئىسمى، ئۇلۇغ: سۈپىتى

  • ئابامبەگ

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 446كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئابام: ئىسمى، بەگ: سۈپىتى

  • ئاباھاجى

    (ئاباجى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 469كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئابا: ئىسمى، ھاجى: قوشۇمچىسى

  • ئاباھاجىم

    (ئاباجىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 431كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئابا: ئىسمى، ھاجىم: قوشۇمچىسى

  • ئابباس

    (ئاباس) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 774كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، مەنىسى: قوشۇمىسى تۈرۈلگەن، چىرايى تۇتۇلغان؛ تۇتۇق ھاۋا. «ئابباس» ئەسلىدە «ئەبباس» بولسىمۇ، تىل ئادىتىمىزگە ئاساسەن شۇنداق ئېلىندى.

  • ئابباسخوجا

    (ئاباسخوجا) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 529كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئابباس: ئىسمى، خوجا: سۈپىتى

  • ئابدۇ

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 514كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۇ ئىسىم ئادەتتە يالغۇز قوللىنىلمايدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىكى «ئابدۇ» ئەسلىي قويۇلغان ئىسىم ئەمەس، بەلكى ئارقىسىدىكى تەركىب تاشلىۋېتىلگەن ئىسىمدۇر. لېكىن ئۇنىڭ مۇستەقىل مەنىسى بار. ئۇ «بەندە، قۇل، كىشى، ئادەم، ئىنسان» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە. «ئابدۇ» ئەسلىدە (عبد) بولسىمۇ، ئادەت ب

  • ئابدۇئەسئەد

    (ئابدەسەت، ئابدۇئەسەت، ئابدىئەسەت، ئەسئەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 435كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بەختلىك كىشى. «ئابدۇئەسئەد» بىلەن «ئابدۇئەسەد» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىدۇ.

  • ئابدۇئەسەد

    (ئابدەسەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 613كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شىر كەبى ئادەم

  • ئابدۇئەلا

    (ئابدەلا، ئابدۇلئەلا، ئابلەلا، ئابدىئەلا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 465كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەلانىڭ قۇلى («ئەلا» نىڭ مەنىسى: ھەممىدىن ئۈستۈن. بۇ يەردە «ھەممىدىن ئۈستۈن كىشى» دېگەن مەنىدىمۇ كىلىدۇ). ئەسلىيسى «ئابدۇئەئلا».

  • ئابدۇئەھمەد

    (ئابدەھمەت، ئابدەمەت، ئابدۇلئەھمەت، ئابدىئەھمەت، ئەھمەت، ئەمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 413كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەھمەدنىڭ قۇلى («ئەھمەد» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى بولۇپ، مەنىسى: بەك مەدھىيە ئوقۇغۇچى)

  • ئابدۇتالىب

    (ئابدىتالىپ، تالىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 442كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئوقۇغۇچى؛ تالىبنىڭ قۇلى. ئىزاھات: ئىككىنچى تەركىبى قۇياش ھەرپلىرى بىلەن باشلىنىدىغان «ئابدۇتالىب، ئابدۇتاھا، ئابدۇتاھىر» دېگەندەك ئىسىملاردا، قۇياش ھەرپى (ت ث د ذ ر ز س ش ص ض ط ظ ل ن) تەشدىدلىك (قوش ياكى تەكرار) ئوقۇلۇپ، «ئابدۇتتالىب، ئابدۇتتاھا، ئابدۇتتاھىر، ئابدۇززاھىر،

  • ئابدۇتاھىر

    (ئابدىتاھىر، تاھىر، تايىر، تايى، ئابدىتايىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 416كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    پاك كىشى؛ تاھىرنىڭ قۇلى

  • ئابدۇخوجا

    (ئابدۇغوجى، ئابدىخوجا، ئابدىغوجى، خوجا، غوجى) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 491كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    خوجىنىڭ قۇلى («خوجا» بۇ يەردە «ئۇستاز، ئىگە» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ ۋە كۆپىنچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇللۇق قىلغۇچى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)

  • ئابدۇخەلىل

    (ئابدۇخېلىل، ئابدىخېلىل، خېلىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 460كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    («خەلىل» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: ياخشى دوست، سىرداش)

  • ئابدۇراززاق

    (ئابدۇراززاق، ئابدىراززاق، ئابدىرزاق، راززاق، رازاق، رىزاق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 577كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    رىزقى بەرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەززاق».

  • ئابدۇرازىق

    (ئابدىرازىق، رازىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 431كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رىزقى بەرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررازىق».

  • ئابدۇرەئۇپ

    (ئابدۇراۋۇپ، ئابدىراۋۇپ، ئابدۇرۇپ، ئابدىرۇپ، راۋۇپ، راۋۇپجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 601كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 2

    مېھرىبان، شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەئۇپ».

  • ئابدۇرەسۇل

    (ئابدۇروسۇل، ئابدۇرۇسۇل، روسۇل، رۇسۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 458كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رەسۇلنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ) قۇلى، پەيغەمبەرگە قۇللۇق قىلغۇچى

  • ئابدۇرەشىد

    (ئابدۇرېشىت، رېشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 712كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 24

    توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇرەقىب

    (ئابدۇرېقىپ، رېقىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇرەھمان

    (ئابدۇراخمان، ئابدىراخمان، ئابدىرەخىم، ئابدىرامان، رامان، رەخمان، رەخىم، رەخىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 772كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 47

    مېھىر-شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھمان». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئابدۇرەھمەت

    (ئابدۇرەخمەت، ئابدىرەخمەت، ئابىرەخمەت، رەخمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 521كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رەھمەتكە سازاۋەر كىشى؛ رەھمەتنىڭ قۇلى («رەھمەت» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى).

  • ئابدۇرەھىم

    (ئابدۇرېھىم، ئابدىرېھىم، ئابدىرەيىم، رەھىم، رەيىم، ئابلەم، رەخىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 503كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    رەھىملىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھىم». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئابدۇزاھىر

    (ئابدۇزايىر، ئابدىزاھىر، ئابدىزايىر، ئابزاھىر، ئابزايىر، ئەبزاھىر، زاھىر، زايىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 458كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىنى ئوچۇقلاشتۇرغۇچى، ھەممىنى ئاشكارا قىلغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى («زاھىر» ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • ئابدۇزۇنۇن

    (ئابدىزەپەر، زەپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 431كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    زۇنۇننىڭ قۇلى («زۇنۇن» يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ لەقىمى بولۇپ، مەنىسى: بېلىق بىلەن بىللە)

  • ئابدۇزەپەر

    (ئابدىزەپەر، زەپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 398كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    زەپەرنىڭ قۇلى («زەپەر» نىڭ مەنىسى: غەلىبە)

  • ئابدۇسابىت

    (ئابدۇساۋۇت، ئابدىساۋۇت، ساۋۇت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سابىتنىڭ قۇلى؛ مۇستەھكەم ئادەم