كىشى ئىسىملىرى

سىز ئىزدىگەن «ئىسمى ئوغۇل» نىڭ ئىزدەش نەتىجىسى
1131 ئوغۇل ئىسىملىرى بار
  • ئاسان
    (ھاسان، ھەسەن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 155 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئوڭايلىق، ئاسانلىق، (2) سالامەتلىك. ئىزاھات: «ئاسان» قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئەسەن» (سالامەتلىك، ساقلىق) نىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، ھازىرقى مەنىسى ئاساس قىلىنمايدۇ. «ئاسان» بۇ يەردە «ئەسەن» گە ھەم ئۇلار «ھاسان، ھەسەن» گە ئۆزگىرىدۇ.

  • ئاسىب
    (ئاسىپ، ئاسىپجان، ئاسىپخان، ھاسىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 115 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاتا جەمەت

  • ئاسىل
    (ھاسىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 147 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئېسىل نەسەبلىك

  • ئاشىق
    (ھاشىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 189 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىشىق ئوتىدا كۆيگۈچى، سۆيگۈچى، ياخشى كۆرگۈچى، سېغىنغۇچى

  • ئاغىنە
    (ئاغىنىخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 142 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاكا-ئىنىدەك بولماق. ئىزاھات: «ئاغىنىخان» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • ئاقسۇ
    (ئاخسۇ) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 165 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سۈپسۈزۈك، ئەزىز سۇ؛ ئاق ئاقىدىغان سۇ؛ سۇلۇق جاي

  • ئالتاي
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 262 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 21 ياقتۇرۇش

    پارلاق، مەدەن كۆپ، ئوچۇق كۆزگە تاشلىنىدىغان. ئالتاي تېغى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.

  • ئالماس
    (ئالماسقارى، ئالماسجان، ئالماسخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 315 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 4 ياقتۇرۇش

    مېتال ئىسمى («ئالماستەك قاتتىق، مەھكەم» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرى پۈتۈنلەي ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ)

  • ئالىم
    (ئالىمجان، غالىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 277 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 3 ياقتۇرۇش

    ئىلىم ئىگىسى، بىلىمدار، ئەدىب (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئالىپ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 162 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قەھرىمان، باتۇر

  • ئالپ ئەرتوڭا
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 322 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قاپلاندەك باتۇر ئەر

  • ئالپ بىلگە قاغان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 189 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىلىمىك، باتۇرخان

  • ئالچىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 422 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چىن كۆڭۈل، سەمىمىي كىشى.

  • ئامان
    (ئامانجان، ئامانخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 135 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىشەنچىلىك، تىنچ، بىخەتەر، خاتىرجەم

  • ئامىر
    (ئامۇر، ھامىر، غامىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 155 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئاۋات، ئاۋات قىلغۇچى، ئاۋات جاي، ئولتۇراق جاي (2) قوماندان، بۇيرۇق قىلغۇچى، ئەمىر قىلغۇچى، ئىش بۇيرۇغۇچى

  • ئاياز
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 191 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سوغۇققانلىق؛ قىش پەسلى

  • ئايتۆمۈر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 77 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تۆمۈردەك مەھكەم، ئايدەك چىرايلىق قىز بولۇپ چوڭ بولسۇن. ئەسكەرتىش: «ئايتۆمۈر، ئايتۇرغان، ئايتۇردى، ئايتۇرغۇن» قاتارلىق ئىسىملار بەزى جايلاردا ئەرلەرگە، بەزى جايلاردا ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • ئايتەڭرى
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 263 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تەڭرى: ئىسمى، ئاي: سۈپىتى

  • ئايسۇ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 127 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سۈزۈك سۇ، زىلال سۇ.

  • ئورخۇن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 134 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    موڭغۇل ئىگىزلىكىدىكى بىر دەريانىڭ نامى؛ «بۈيۈك، يۈكسەك، ھۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

  • ئوسمان
    (ئوسمانجان، ئوسمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 133 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كىچىك يىلان، يىلان بالىسى. ئىزاھات: «ئوسمان» نىڭ ئەسلىيسى «ئۇسمان». گەرچە بۇ ئىسىمنىڭ قەدىمكى ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۇنى چاھاريارلادىن بولغان ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويغان.

  • ئوغلان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 177 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوغۇل، باتۇر؛ ئوغۇللار

  • ئوغۇز
    (ئوغۇزخان، ئوغۇزجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 195 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئوغۇز سۈتى (تۇنجى ئەمگەن سۈت)، (2) ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ نامى. ئىزاھات: «ئوغۇزخان» تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر داستانى «ئوغۇزنامە» دە تىلغا ئېلىنىدىغان بۈيۈك قەھرىماننىڭ نامى بولۇپ، ئەرلەرگە قويۇلىدۇ.

  • ئوغۇز بىلگە
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 128 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوغۇزلارنىڭ بىلىملىك كىشىسى

  • ئوغۇزئالىپ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 120 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوغۇزلارنىڭ قەھرىمانى، باتۇر ئوغۇل

  • ئوغۇزباي
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 94 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوغۇزلاردىن بولغان ئەر

  • ئوغۇزتاي
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 102 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چەبدەس، تېتىك ئوغۇز يىگىتى

  • ئوغۇل
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 196 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يىگىت، باتۇر

  • ئوغۇلتۇرسۇن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 88 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ ئوغۇل تۇرۇپ قالسۇن

  • ئوغۇلتۈرك
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 140 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تۈرك ئوغلى، تۈرك يىگىتى، تۈرك باتۇرى