كىشى ئىسىملىرى

سىز ئىزدىگەن «ئوغۇل ئىسمى» نىڭ ئىزدەش نەتىجىسى
1132 ئوغۇل ئىسىملىرى بار
  • ساھابە

    (ساخابا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 475كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دوستلار، ھەمراھلار، سەپەرداشلار. ئەسلىيسى «سەھابە»

  • ساھىب

    (ساھىپ، سايىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 470كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئىگە بولغۇچى، ئىگىلىگۈچى، ئىگە، (2) دوست، سۆھبەتداش، ھەمراھ، خىزمەتداش (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ساۋۇت

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 500كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    (1) قەدىمكى زامانلاردا بەدەننى نەيزە، قىلىچ، ئوق زەربىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن جەڭدە كىيىلگەن، تۆمۈر پارچىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاش ياكى پولات سىمدىن توقۇش ئارقىلىق تەييارلانغان ئۇرۇش كىيىمى، (2) مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس

  • سىددىق

    (سىدىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 456كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سادىق؛ چىن، راست، ساداقەتمەن، سەمىمىي، ھەققانىي، ئادىل، ئىشەنچلىك، قەتئىي

  • سىددىقۇللا

    (سىدىقۇللا، سىدىقۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 384كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللانىڭ سادىق دوستى، ئاللانىڭ چىن، راست كىشىسى

  • سىرات

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 704كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يول، چوڭ يول

  • سىراج

    (سىراش، سىراق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 376كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    چىراغ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سىراجىدىن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 498كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 7

    دىننىڭ چىرىغى

  • سىنان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 456كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) سىنالغان (2) نەيزە. ئىزاھات: بۇ ئىسىم تەلەپپۇز جەھەتتىن ئوخشىغان ھالدا ئەرەبچىدىمۇ بار. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «سىنالغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەرەبچىدە «نەيزە» دېگەن سۆزدۇر.

  • سىھھەت

    (سەھەت، سىخەت، سىھەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 402كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    توغرا، ھەقىقىي، ساغلام، ساق، راست. «سەئەد» مۇ «سەھەت» كە ئۆزگىرىدۇ.

  • سۇبات

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 710كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 15

    (1) مۇستەھكەم، قەتئىي، مەھكەم، (2) خاتىرجەم، جىمجىت، تىنچ، تىنچلىق

  • سۇبۇر

    (سۇۋۇر، سوپۇر، سوپۇرجان، سىپىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سەۋر قىلماق. ئىزاھات: «سەبۇر» مۇ «سوپۇر» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • سۇرئەت

    (سۈرئەت، سۈرئەتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 393كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 7

    تېزلىك، چاققانلىق

  • سۇلتان

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 501كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    سەلتەنەت ئىگىسى، ھۆكۈمران، پادىشاھ، خان

  • سۇلەيمان

    (سۇلايمان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 389كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (ئەسلىدە، قىزىل مېۋىلىك بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نامى)

  • سۇپى

    (سوپى، سوپىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 394كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ساپ، (2) يۇڭ، يۇڭچى، (3) تەسەۋۋۇپچى، تەقۋادار، (4) دىنىي مەرتىۋە نامى. ئىزاھات: «سوپىخان» يەنىلا ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ.

  • سۈرەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 466كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    ئوخشىماق، نۇسخا، شەكىل؛ سۈرەتتەك ئوغۇل. ئەسلىيسى «سۇرەت».

  • سۈزۈك

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 418كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    پاك، پارقىراق

  • سۈپۈرگە

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 478كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    بىر خىل تازىلىق سايمىنى (كۆز تەگمەسلىك ئۈچۈن قويۇلغان ئىسىم)

  • سېتىۋالدى

    (سېتى، سېتىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 428كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئاللادىن پەرزەنت سېتىۋالدى.

  • سەئدۇللا

    (سەيدۇللا، سەيدۇللام، سەئدۇل، سەيدۇل، سادۇللا، سادىللا، سادىل، سەدۇللا، سەدۇل، سەدىل، سەيدىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 497كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئاللا بەختلىك قىلغان كىشى، ئاللانىڭ بەختلىك كىشىسى

  • سەئىد

    (سايىت، سەيىت، سېيىت، سىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 512كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    بەختلىك، بەخت، خۇشاللىق

  • سەئىدىن

    (سەيدىن، سەدىن، سەدەن، سادىن، سادىنجان، سەدۇق، سەيدەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 443كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) بەخت-تەلەي (2) دىننىڭ بەختى؛ دىننىڭ بەختلىك كىشىسى. ئىزاھات: «سەئىدىن» بولسا «سەئىدۇن» نىڭ ئۆزگىرىشى بولۇشىمۇ، شۇنىڭدەك، «سەئددىن» ياكى «سەئىددىن» نىڭ قىسقارتىلىپ تەلەپپۇز قىلىنغان شەكلى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

  • سەئىدۇن

    (سەئىدىن، سەيدىن، سەيدۇن، سەدۇن، سەدىن، سادىن، سەدۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 392كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بەخت-تەلەي. ئىزاھات: «سەئىدۇن» بولسا «سەئىد»نىڭ قوش پىچلىق (سۆز ئاخىرى «ئۇن» ئوقۇلىدىغان) شەكلى.

  • سەبرى

    (سەۋر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 416كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    سەۋر قىلماق

  • سەبىر

    (سەۋىر، سىبىر، سىپىر، سىۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سەۋرچان، سەۋر-تاقەتلىك، چىداملىق.

  • سەبۇر

    (سەپۇر، سوبۇر، سوپۇر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 414كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سەۋر-تاقەتلىك، مۇلايىم، قۇلىقى يۇمشاق، سەۋرچان

  • سەدىر

    (سېدىر، سىدىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) يۈرەك، قەلب، (2) كاتتا، ئۇلۇغ، شەرەپلىك

  • سەدىرىدىن

    (سەتىرىدىن، سەترىدىن، سەدىردىن، سەدى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 448كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    دىننىڭ كاتتا كىشىسى. ئەسلىيسى «سەدىرىددىن».

  • سەردار

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 517كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    قوماندان؛ ئالدىدا ماڭغۇچى