كىشى ئىسىملىرى
-
ئابا
(ئاباخان، ئاباق، ئابام، ئابىخان، ئابەش، ئابەك، ئاباش) تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 286
، ياقتۇرغانلار: 1
دادا، ئاتا، ئاتام (بۇ ئىسىمدا ئاتا ئۇلۇغلانغان). «ئابدۇلۋاھاب، ئابدۇكەرىم» قاتارلىق بىر قانچە ئىسىملارمۇ «ئابا» غا ئۆزگىرىدۇ.
-
ئاباد
(ئاۋات، ئاۋاتجان) تىل تەۋەلىكى: پكۆرۈلۈشى: 198
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاۋاتچىلىق، مەمۇرچىلىق، ئاۋات جاي، ئاۋات ئۆي
-
ئابامئۇلۇغ
تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 141
، ياقتۇرغانلار: 0
ئابام: ئىسمى، ئۇلۇغ: سۈپىتى
-
ئابامبەگ
تىل تەۋەلىكى: ئۇكۆرۈلۈشى: 125
، ياقتۇرغانلار: 0
ئابام: ئىسمى، بەگ: سۈپىتى
-
ئاباھاجى
(ئاباجى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئەكۆرۈلۈشى: 151
، ياقتۇرغانلار: 0
ئابا: ئىسمى، ھاجى: قوشۇمچىسى
-
ئاباھاجىم
(ئاباجىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە ئۇكۆرۈلۈشى: 130
، ياقتۇرغانلار: 0
ئابا: ئىسمى، ھاجىم: قوشۇمچىسى
-
ئابباس
(ئاباس) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 245
، ياقتۇرغانلار: 0
بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، مەنىسى: قوشۇمىسى تۈرۈلگەن، چىرايى تۇتۇلغان؛ تۇتۇق ھاۋا. «ئابباس» ئەسلىدە «ئەبباس» بولسىمۇ، تىل ئادىتىمىزگە ئاساسەن شۇنداق ئېلىندى.
-
ئابباسخوجا
(ئاباسخوجا) تىل تەۋەلىكى: ئە پكۆرۈلۈشى: 186
، ياقتۇرغانلار: 0
ئابباس: ئىسمى، خوجا: سۈپىتى
-
ئابدۇ
تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 163
، ياقتۇرغانلار: 0
بۇ ئىسىم ئادەتتە يالغۇز قوللىنىلمايدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىكى «ئابدۇ» ئەسلىي قويۇلغان ئىسىم ئەمەس، بەلكى ئارقىسىدىكى تەركىب تاشلىۋېتىلگەن ئىسىمدۇر. لېكىن ئۇنىڭ مۇستەقىل مەنىسى بار. ئۇ «بەندە، قۇل، كىشى، ئادەم، ئىنسان» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە. «ئابدۇ» ئەسلىدە (عبد) بولسىمۇ، ئادەت ب
-
ئابدۇئەسئەد
(ئابدەسەت، ئابدۇئەسەت، ئابدىئەسەت، ئەسئەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 133
، ياقتۇرغانلار: 0
بەختلىك كىشى. «ئابدۇئەسئەد» بىلەن «ئابدۇئەسەد» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىدۇ.
-
ئابدۇئەسەد
(ئابدەسەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 223
، ياقتۇرغانلار: 0
شىر كەبى ئادەم
-
ئابدۇئەلا
(ئابدەلا، ئابدۇلئەلا، ئابلەلا، ئابدىئەلا) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 157
، ياقتۇرغانلار: 0
ئەلانىڭ قۇلى («ئەلا» نىڭ مەنىسى: ھەممىدىن ئۈستۈن. بۇ يەردە «ھەممىدىن ئۈستۈن كىشى» دېگەن مەنىدىمۇ كىلىدۇ). ئەسلىيسى «ئابدۇئەئلا».
-
ئابدۇئەھمەد
(ئابدەھمەت، ئابدەمەت، ئابدۇلئەھمەت، ئابدىئەھمەت، ئەھمەت، ئەمەت) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 115
، ياقتۇرغانلار: 0
ئەھمەدنىڭ قۇلى («ئەھمەد» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى بولۇپ، مەنىسى: بەك مەدھىيە ئوقۇغۇچى)
-
ئابدۇتالىب
(ئابدىتالىپ، تالىپ) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 136
، ياقتۇرغانلار: 0
ئوقۇغۇچى؛ تالىبنىڭ قۇلى. ئىزاھات: ئىككىنچى تەركىبى قۇياش ھەرپلىرى بىلەن باشلىنىدىغان «ئابدۇتالىب، ئابدۇتاھا، ئابدۇتاھىر» دېگەندەك ئىسىملاردا، قۇياش ھەرپى (ت ث د ذ ر ز س ش ص ض ط ظ ل ن) تەشدىدلىك (قوش ياكى تەكرار) ئوقۇلۇپ، «ئابدۇتتالىب، ئابدۇتتاھا، ئابدۇتتاھىر، ئابدۇززاھىر،
-
ئابدۇتاھىر
(ئابدىتاھىر، تاھىر، تايىر، تايى، ئابدىتايىر) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 116
، ياقتۇرغانلار: 0
پاك كىشى؛ تاھىرنىڭ قۇلى
-
ئابدۇخوجا
(ئابدۇغوجى، ئابدىخوجا، ئابدىغوجى، خوجا، غوجى) تىل تەۋەلىكى: ئە پكۆرۈلۈشى: 144
، ياقتۇرغانلار: 0
خوجىنىڭ قۇلى («خوجا» بۇ يەردە «ئۇستاز، ئىگە» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ ۋە كۆپىنچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇللۇق قىلغۇچى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)
-
ئابدۇخەلىل
(ئابدۇخېلىل، ئابدىخېلىل، خېلىل) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 154
، ياقتۇرغانلار: 0
(«خەلىل» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: ياخشى دوست، سىرداش)
-
ئابدۇراززاق
(ئابدۇراززاق، ئابدىراززاق، ئابدىرزاق، راززاق، رازاق، رىزاق) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 211
، ياقتۇرغانلار: 1
رىزقى بەرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەززاق».
-
ئابدۇرازىق
(ئابدىرازىق، رازىق) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 147
، ياقتۇرغانلار: 0
رىزقى بەرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررازىق».
-
ئابدۇرەئۇپ
(ئابدۇراۋۇپ، ئابدىراۋۇپ، ئابدۇرۇپ، ئابدىرۇپ، راۋۇپ، راۋۇپجان) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 253
، ياقتۇرغانلار: 2
مېھرىبان، شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەئۇپ».
-
ئابدۇرەسۇل
(ئابدۇروسۇل، ئابدۇرۇسۇل، روسۇل، رۇسۇل) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 153
، ياقتۇرغانلار: 0
رەسۇلنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ) قۇلى، پەيغەمبەرگە قۇللۇق قىلغۇچى
-
ئابدۇرەشىد
(ئابدۇرېشىت، رېشىت) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 249
، ياقتۇرغانلار: 24
توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئاللانىڭ بەندىسى
-
ئابدۇرەقىب
(ئابدۇرېقىپ، رېقىپ) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 156
، ياقتۇرغانلار: 0
ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى
-
ئابدۇرەھمان
(ئابدۇراخمان، ئابدىراخمان، ئابدىرەخىم، ئابدىرامان، رامان، رەخمان، رەخىم، رەخىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 286
، ياقتۇرغانلار: 47
مېھىر-شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھمان». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.
-
ئابدۇرەھمەت
(ئابدۇرەخمەت، ئابدىرەخمەت، ئابىرەخمەت، رەخمەت) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 182
، ياقتۇرغانلار: 0
رەھمەتكە سازاۋەر كىشى؛ رەھمەتنىڭ قۇلى («رەھمەت» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى).
-
ئابدۇرەھىم
(ئابدۇرېھىم، ئابدىرېھىم، ئابدىرەيىم، رەھىم، رەيىم، ئابلەم، رەخىم) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 173
، ياقتۇرغانلار: 2
رەھىملىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھىم». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.
-
ئابدۇزاھىر
(ئابدۇزايىر، ئابدىزاھىر، ئابدىزايىر، ئابزاھىر، ئابزايىر، ئەبزاھىر، زاھىر، زايىر) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 148
، ياقتۇرغانلار: 0
ھەممىنى ئوچۇقلاشتۇرغۇچى، ھەممىنى ئاشكارا قىلغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى («زاھىر» ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)
-
ئابدۇزۇنۇن
(ئابدىزەپەر، زەپەر) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 131
، ياقتۇرغانلار: 0
زۇنۇننىڭ قۇلى («زۇنۇن» يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ لەقىمى بولۇپ، مەنىسى: بېلىق بىلەن بىللە)
-
ئابدۇزەپەر
(ئابدىزەپەر، زەپەر) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 109
، ياقتۇرغانلار: 0
زەپەرنىڭ قۇلى («زەپەر» نىڭ مەنىسى: غەلىبە)
-
ئابدۇسابىت
(ئابدۇساۋۇت، ئابدىساۋۇت، ساۋۇت) تىل تەۋەلىكى: ئەكۆرۈلۈشى: 110
، ياقتۇرغانلار: 0
سابىتنىڭ قۇلى؛ مۇستەھكەم ئادەم