
مۇقام ئانسامبىلى
-
1 پلاستىنكىسى بازارغا سېلىندى
-
12 ناخشىسى ئېلان قىلىندى
-
763 قېتىم كۆرۈلدى
-
مەنبە
مۇقام ئانسامبىلى

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ مەنىۋى تەۋەررۈكنى، بىباھا گۆھەرنى ساقلاپ قىلىش، يىراق ئۆتمۈشنىڭ مالىمانچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن ئاھاڭلىرىنى تولۇقلاش، ئۇنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىش، ئۇنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسى، ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى تەتقىقات توختاپ قالمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەڭ دەسلەپ 1951-يىلى پولات سىمغا ئۈنگە ئېلىندى. بۇ جەرياندا ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋارىسى تۇردى ئاخۇن ئاكا شۇ يىللىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇقامىنىڭ ئۆزى ئېسىدە ساقلاپ كەلگەن ئاھاڭلىرىنى تېكىستلىرى بىلەن بىللە ئورۇنلاپ چىقتى. 1954-يىلى يەنە بىر قېتىم ماگنىتلىق ئۈنئالغۇغا ئۈنگە ئېلىندى. 1976-يىلغا كەلگەندە ئون ئىككى مۇقام خىزمىتىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشنى، ئۇنىڭ ئېلىمىزدىكى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكى قارمىقىدا مەرھۇم توختى مولتاجى ئاكا باشچىلىقىدا مۇقام گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىندى. بۇ خىزمەتكە پېشقەدەم مۇقام تۆھپىكارلىرىمىزدىن ۋەن تۇڭشۇ، زىكرى ئەلپەتتا، ئەمەتجان ئەخمىدى، جۇ جى، جۇ جىڭبو، ھۈسەنجان جامى، ئەبەيدۇللا تۇردى، غىياسىدىن بارات، ئابلىزخان مامۇت، ئابلىز شاكىر، ئۆمەر ئىمىن، نۇرمەمەت تۇرسۇن، ئابدۇكېرەش ئەلى، يۈسۈپجان روزى، تۇرنىسا سالاھىدىن، ئۆمەرئاخۇن ئاكا، ئايشەم كېرەم، خالىق ھاجى، ئابدۇرېھىم نىياز، ئابلىز ئايۇپ، ئوسمان ئەمەت، ئايشەم قېيۇم، ئارزۇگۈل پەتتار قاتارلىقلار قاتناشتى. ئۇلار بىر ياقتىن ئون ئىككى مۇقامنى ئۆگىنىش بىلەن بولدى، بىر ياقتىن رەتلەش خىزمىتىنى ئىشلىدى. 1980– يىلىغا كەلگەندە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى قارمىقىدا مۇقام تەتقىقات ئىشخانىسى قۇرۇلدى. نەتىجىدە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ شۇ چاغدىكى مۇئاۋىن نازىرى مەمەت تاتلىقنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىشى، ئەمەتجان ئەخمىدىنىڭ ئەمەلىي خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى، جۇجى، زىكرى ئەلپەتتا، ھۈسەنجان جامى، ئۆمەر ئىمىن، ئۆمەرئاخۇن ئاكا، قاۋۇل تۇردى، مەتروزى تۇرسۇن، ئابدۇكۆرەش ئېلى، قۇربانجان روزى، ئابلىز شاكىر، قاسىمجان مەمەت، يۈسۈپچان روزى، ئابلىز ھاپىز، زەينۇللا بۇرھان، غاپپار ئەھمەد، ئەلى مۇھەممەترېھىم، ئابدۇللا مەجنۇن، ئوسمان ئەمەت، دىلشات راھىدىن، داۋۇت مامۇت، دولقۇن سەپەر، پەرھات داۋۇت، نۇرمۇھەممەت ئابدۇللا، پەرھات مۇيدىن، ئابلىمىت قۇربان، ئەيسا مۆمۈن، ئابدۇللا مامۇت، ئايشەم كېرەم، تۇرنىسا سالاھىدىن، رىسالەت ھاپىز، پۇچىناي نۇراخۇن، نۇرنىسا ئاتاۋۇللا، ئايدىن ئابلىز، چىمەنگۈل قادىر قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ مۇقاملارنىڭ تەۋەلىكىنى ئايرىپ چىقىش، مۇقام بۆلەكلىرىنى جايىغا كەلتۈرۈش، مۇقامدىكى يوقىلىپ كەتكەن ئاھاڭلىرىنى تېپىش، كەم ئاھاڭلارنى تولۇقلاش، خىزمەتلىرىنى ئىشلىشى بىلەن تۇردىئاخۇن ئاكا بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن 245 ئاھاڭغا 45 ئاھاڭ قوشۇلۇپ جەمئىي 290 ئاھاڭ بارلىققا كەلدى. ئومۇمەن، 1976-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقامى قايتىدىن رەتلىنىپ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ئۈنگە ئېلىندى. شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى قىلىپ ئىشلەندى ۋە كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئون ئىككى مۇقامنىڭ بەش سىزىقلىق نوتىسى داڭلىق كومپوزىتور مەتروزى تۇرسۇننىڭ قايتا نوتىغا ئېلىشى بىلەن ئىككىنچى قېتىم شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئەسلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى، 1980- يىلى مۇقام تەتقىقات ئىشخانىسى قۇرۇلغاندىن ئېتىبارەن بۇ ئىشخانا ئالدى بىلەن بىر قىسىم ۋىلايەت، ناھىيە ئۆمەكلىرىدىن بىر قىسىم مۇقام ئورۇنلىغۇچى ھەۋەسكارلارنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىپ، مۇقام ئورۇنلاشنى ئۆگىنىشنى ئۆزىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيەلىك ئۆمەكلەرگە ئون ئىككى مۇقام ئورۇنلىيالايدىغان سەنئەتكارلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. 1984-يىلى ئون ئىككى مۇقام ۋە مۇقام سەنئىتىنىڭ تەتقىقاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەدەنىيەت نازارىتى قارمىقىدا شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىپ، ئەسلىدىكى مۇقام تەتقىقات ئىشخانىسىنى بۇ ئورۇنغا قوشتى. 1986- يىلى شىنجاڭ سەنئەت تەتقىقات ئورنى بىلەن ئۇنىڭ قارمىقىدىكى مۇقام تەتقىقات ئىشخانىسى بىرلىكتە شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى خادىملارنى قاتناشتۇرۇپ «چەببايات مۇقامى»نى سەھنىلەشتۈردى. 1989-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام ئانسامبىلىنى قۇرۇلدى. مۇقام ئانسامبىلى قۇرۇلغاندىن كىيىن، مەيلى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقام ھەققىدىكى نەزەرىيەۋى تەتقىقات بولسۇن، مەيلى ئون ئىككى مۇقامنى سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ، ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامغا بولغان مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش جەھەتتە بولسۇن نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەندى. ئىزدىنىش تېخىمۇ چوڭقۇرلىدى، تەتقىقات دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى. تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى. 1996-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سابىق باشلىقى، مۇقام ئىشلىرىنىڭ تەشكىلاتچىسى سەپەر ھۈسەيىننىڭ كۆپ يىللىق جاپالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ئەجىر قىلىش ئاساسىدا، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان تېپىلمىغان «ئابۇ چەشمە»، «مۇستەھزاد»، «ئىشرەت ئەڭگىز» قاتارلىق ئۈچ ئەڭگۈشتەر تېپىلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ قابىل مۇقام تەتقىقاتچىسى خالىق ھاجى بۇ ئۈچ ئەڭگۈشتەرنىڭ تەۋەلىكىنى ئايرىپ، ئۇنى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقامى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە قىلدى.1997- يىلى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقامى قامۇس نەشرىياتى تەرىپىدىن 13 توملۇق ھەجىم بىلەن نەشر قىلىندى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى تۆمۈر داۋامەت ئاكىنىڭ قوللىشى بىلەن 2000-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭغا بېرىپ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقامىدىن «راك مۇقامى» بىلەن «پەنجىگاھ مۇقامى»نىڭ CD پىلاستىنكىسىنى ئىشلەشنى تۇنجى بولۇپ باشلىدى. قالغان ئون مۇقامنىڭ ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىنى شۇ چاغدىكى شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى مەمتىمىن مەمىتىلى يېتەكچىلىكىدىكى شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. مۇشۇ جەرياندا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئون ئىككى مۇقامى قايتىدىن تولۇقلىنىپ، 2002-يىلىغا كەلگەندە 350 ئاھاڭ لېنتىغا ئېلىنىپ بولدى. بۇ مۇقاملار يەنىلا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى تۆمۈر داۋامەت ئاكىنىڭ تەشەببۇسى ۋە مەبلەغ ھەل قىلىپ بېرىشى بىلەن قايتىدىن VCD, CD پىلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلەندى.
مۇقام ئانسامبىلى پلاستىنكىلىرى
بارلىق پلاستىنكىلار
پلاستىنكا ئىسمى | ناخشىچى | رەسىمى | كۆرۈلۈشى |
---|---|---|---|
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى | مۇقام ئانسامبىلى | ![]() |
559 ![]() |
مۇقام ئانسامبىلى ناخشىلىرى
بارلىق ناخشىلار
ناخشا ئىسمى | ئاڭلاش ئادرېسى | رەسىمى | تەۋە ئالبۇم | كۆرۈلۈشى |
---|---|---|---|---|
راك مۇقامى | ![]() |
![]() |
837 ![]() |
|
چەببايات مۇقامى | ![]() |
![]() |
453 ![]() |
|
سەگاھ مۇقامى | ![]() |
![]() |
567 ![]() |
|
چەھارگاھ مۇقامى | ![]() |
![]() |
426 ![]() |
|
پەنجگاھ مۇقامى | ![]() |
![]() |
608 ![]() |
|
ئۆزھال مۇقامى | ![]() |
![]() |
496 ![]() |
|
ئەجەم مۇقامى | ![]() |
![]() |
576 ![]() |
|
ئۇششاق مۇقامى | ![]() |
![]() |
607 ![]() |
|
بايات مۇقامى | ![]() |
![]() |
539 ![]() |
|
نەۋا مۇقامى | ![]() |
![]() |
414 ![]() |
|
مۇشاۋەرەك مۇقامى | ![]() |
![]() |
388 ![]() |
|
ئىراق مۇقامى | ![]() |
![]() |
669 ![]() |
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...