تۇغۇلغان كۈنۈڭ
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

تۇغۇلغان كۈنۈڭ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 35
تۇغۇلغان كۈنۈڭ - ھەققىدە:
سۆزى: نامەلۇم
مۇزىكىسى: El Hamid Cheriet
بۇ ناخشىنىڭ مۇزىكىسى 1991- يىلى ئىلان قىلىنغان ئىدىر (Idir) ئېيتقان A Vava Inouva دېگەن ناخشىنىڭ مۇزىكىسى. 
ھەر قاچان ئەل ساڭا،  يار-يۆلەك بولسۇن، يار-يۆلەك بولسۇن،
چۆللەرگە يول ئالساڭ، گۈل-چېچەك ئۈنسۇن.
تۇغۇلدۇڭ ئۇلۇغۋار ئارمانلار بىلەن، ئارمانلار بىلەن،
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!
 
ئەل باغرى سەن ئۈچۈن، بولدى گۈلىستان،
ئەل ئوغلى ئەل بىلەن كۆرمەس زېمىستان،
ئەل باغرى سەن ئۈچۈن، بولدى گۈلىستان،
ئەل ئوغلى ئەل بىلەن كۆرمەس زىمىستان.
خەلقىڭنىڭ دۇئاسى بېشىڭغا گۈلتاج،
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!
خەلقىڭنىڭ دۇئاسى بېشىڭغا گۈلتاج،
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!
ئەي! ئەي! ئەي!
مۇبارەك بولسۇن!
 
يامغۇردا كۆكەرسە يۇرتنىڭ دالاسى، يۇرتنىڭ دالاسى،
ئادەمنى كۆكەرتەر ئەلنىڭ دۇئاسى.
ئەل-يۇرتۇڭ باغ بولسا، سەن بىر گىياسى، سەن بىر گىياسى،
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!
 
ئەل باغرى سەن ئۈچۈن، بولدى گۈلىستان،
ئەل ئوغلى ئەل بىلەن كۆرمەس زىمىستان،
ئەل باغرى سەن ئۈچۈن، بولدى گۈلىستان،
ئەل ئوغلى ئەل بىلەن كۆرمەس زىمىستان.
خەلقىڭنىڭ دۇئاسى بېشىڭغا گۈلتاج،
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!
خەلقىڭنىڭ دۇئاسى بېشىڭغا گۈلتاج،
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!
ئەي! ئەي! ئەي!
مۇبارەك بولسۇن!

ھەر قاچان ئەل ساڭا، يار-يۆلەك بولسۇن، يار-يۆلەك بولسۇن،
چۆللەرگە يول ئالساڭ، گۈل-چېچەك ئۈنسۇن.
تۇغۇلدۇڭ ئۇلۇغۋار ئارمانلار بىلەن، ئارمانلار بىلەن،
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!

يامغۇردا كۆكەرسە يۇرتنىڭ دالاسى،
ئادەمنى كۆكەرتەر ئەلنىڭ دۇئاسى.
ئەل-يۇرتۇڭ باغ بولسا، سەن بىر گىياسى،
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!

يامغۇردا كۆكەرسە يۇرتنىڭ دالاسى،
ئادەمنى كۆكەرتەر ئەلنىڭ دۇئاسى.
ئەل-يۇرتۇڭ باغ بولسا، سەن بىر گىياسى
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...