مۇھەببەت
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

مۇھەببەت

پلاستىنكا: تەنھا سۆيگۈ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2015

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 746
مۇھەببەت - ھەققىدە:
سۆزى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
مۇزىكىسى: شۆھرەت 
قارلىغاچلار قىلسا پەرۋاز سىزنى ئەسلىدىم،
تاڭ ساباسى ياڭراتسا ساز سىزنى ئەسلىدىم.
قەيەردە سىز چىرايلىقىم كۆزى خۇمالىق،
جاندىن ئۆتتى بۇ سېغىنىش بۇ ئىنتىزارلىق.
جاندىن ئۆتتى بۇ سېغىنىش بۇ ئىنتىزارلىق،
مۇھەببەت مۇھەببەت، سۆيگۈ مۇھەببەت.
مۇھەببەت مۇھەببەت، تۇنجى مۇھەببەت.

♬♬♬♬♬

تۇرنىلار قاتارى ئۇچسا سىزنى ئەسلىدىم،
سېغىنىشتا ئۆتتى ياشلىق بۇنى سەزمىدىم.
خىيالىمدىن كەتمەس ھەرگىز لەۋلەرى شەربەت،
شېرىن سۆھبەت ئامراق گۈلۈم تۇنجى مۇھەببەت.
شېرىن سۆھبەت ئامراق گۈلۈم تۇنجى مۇھەببەت.
مۇھەببەت مۇھەببەت، سۆيگۈ مۇھەببەت.
مۇھەببەت مۇھەببەت، تۇنجى مۇھەببەت.

♬♬♬♬♬

مۇھەببەت مۇھەببەت، سۆيگۈ مۇھەببەت.
مۇھەببەت مۇھەببەت، تۇنجى مۇھەببەت.
مۇھەببەت مۇھەببەت، سۆيگۈ مۇھەببەت.
مۇھەببەت مۇھەببەت، تۇنجى مۇھەببەت.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...