
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
سېنى دېدىم
پلاستىنكا: تەنھا سۆيگۈ
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2015
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
خەلق ناخشىسى
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
332

سېنى دېدىم - ھەققىدە:
سۆزى: خەلق مۇزىكىسى: خەلق
سېنى دېدىم ئاھ يارىم. سېنى دېدىم جان. سېنى ئىزدەپ تاپالمىدىم. ئەمدى تاپتىم جان. سېنى دېدىم ئاھ يارىم. سېنى دېدىم جان. سېنى ئىزدەپ تاپالمىدىم. ئەمدى تاپتىم جان. تالدىكى بەرگى قىياقتەك. قاشلىرىڭدىن ئۆرگىلەي. تالدىكى بەرگى قىياقتەك. قاشلىرىڭدىن ئۆرگىلەي. تەلمۈرۈپ تۇرغان كېيىكتەك. كۆزلىرىڭدىن ئۆرگىلەي. جان جانان دوستلار ئامانەت. سېنى دېدىم ئاھ يارىم، كەچتىمۇ بۇ جاندىن. يۈرەك باغرىم پارە پارە، كۆز يېشىم ئاندىن. سېنى دېدىم ئاھ يارىم، كەچتىمۇ بۇ جاندىن. يۈرەك باغرىم پارە پارە، كۆز يېشىم ئاندىن. تال ئۈچى تالغا تېگەمدۇ، تال ئۈچى تالدىن يىراق. تال ئۈچى تالغا تېگەمدۇ، تال ئۈچى تالدىن يىراق. مەيلىمىز سىزگە چۈشۈپتۇ، ئۆيىڭىز ئاندىن يىراق. جان جانان دوستلار ئامانەت. سەن قاياقتىن كېلىسەن، چىرايلىقىم كۆزى خۇمار. سەن قاياقتىن كېلىسەن، چىرايلىقىم كۆزى خۇمار. ساڭا تىلىم تەگمىسۇن، بوينىڭغا ئاسقىن تىل تۇمار. جان جانان دوستلار ئامانەت. سېنى دېدىم ئاھ يارىم، سېنى دېدىم جان. سېنى ئىزدەپ تاپالمىدىم. ئەمدى تاپتىم جان. سېنى دېدىم ئاھ يارىم، سېنى دېدىم جان. سېنى ئىزدەپ تاپالمىدىم، ئەمدى تاپتىم جان. ئەمدى تاپتىم جان. ئەمدى تاپتىم جان.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...