توغراق
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

توغراق

پلاستىنكا: تەنھا سۆيگۈ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2015

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 1018
توغراق - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختەر بۇغرا
مۇزىكىسى: ئابلەت ئابلىكىم 
سەن شۇنداق بىر روھسەن
بوپ كەلدىڭ تارىخقا گۇۋاھ
بوپ كەلدىڭ تارىخقا گۇۋاھ
قات - قات يىل ھالقىسى، چېكىم - چېكىم ئىز
مەڭگۈلۈك تارىخنى سۆزلەيدۇ يېلتىز
قات - قات يىل ھالقىسى، چېكىم - چېكىم ئىز
مەڭگۈلۈك تارىخنى سۆزلەيدۇ يېلتىز
قەلبىدە ئىشەنچ بار، تېنىدە زىدە
ئۇ مەغرۇر قۇملۇقتا بۈيۈك ئابىدە
قەلبىدە ئىشەنچ بار، تېنىدە زىدە
ئۇ مەغرۇر قۇملۇقتا بۈيۈك ئابىدە

♪♪

ھېچقاچان ئۆزگىدىن كۈتمەيدۇ پەرۋىش
كار قىلماس ئۇنىڭغا تومۇز ياكى قىش
كار قىلماس ئۇنىڭغا تومۇز ياكى قىش
سۇ تېپىپ ئىچەر چۆللۈكتىن ئۆزى
تۆر-ئورۇن تالاشماس باغدىن ھەرگىزى
سۇ تېپىپ ئىچەر چۆللۈكتىن ئۆزى
تۆر-ئورۇن تالاشماس باغدىن يېلتىزى
ئۇ شۇنداق توغراقتۇر كەمتىرىن بوۋا
بوپ كەلدى مەڭگۈلۈك تارىخقا گۇۋا
ئۇ شۇنداق توغراقتۇر كەمتىرىن بوۋا
بوپ كەلدى مەڭگۈلۈك تارىخقا گۇۋا
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...