
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئاتا
پلاستىنكا: تۇنجى سۆيگۈ
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
384

كۆپ يىل ئۆتۈپ ھېجراندا ئاتام ئاتام كەلسەم قېشىڭغا، قەۋرەڭنىمۇ قۇم بېسىپ كېتىپتۇ ئاتا. سەن كېتىپ مۇبارەك نامىڭنى قويغان، نەۋرەڭمۇ چوڭ بولۇپ كېتىپتۇ ئاتا. ھويلامدىن ئىزدىسەم باسقان ئىزىڭنى، سەن تىككەن گۈللەرمۇ قۇرۇپتۇ ئاتا. ئۆزگەرمەستىن قالغىنى شۇ قارا تۇپراق، ئۆز پېتى ئۆز رەڭگى تۇرۇپتۇ ئاتا. ئەي!!! قانىتىم ئىدىڭغۇ ئۇچسام ھاۋادا، مەن سېنى تۇپراقتىن ئىزدەيمۇ ئاتا. ھاياتلىق چېغىڭدا قەدرىڭنى بىلمەي، قان يىغلاپ ئۆتەرمەن ئۆلگەندە ئاتا. ھاياتلىق چېغىڭدا قەدرىڭنى بىلمەي، قان يىغلاپ ئۆتەرمەن ئۆلگەندە ئاتا. قان يىغلاپ ئۆتەرمەن ئۆلگەندە ئاتا.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...