مەشرەپ
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

مەشرەپ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 713
مەشرەپ - ھەققىدە:
سۆزى: نامەلۇم
مۇزىكىسى: نامەلۇم 
ئانا يۇرتۇم ئارا تۆھپە،
مىراس بىباھا مەشرەپ.
ئانا يۇرتۇم ئارا تۆھپە،
مىراس بىباھا مەشرەپ.
بوغۇلغان دەم نەپەسلەرگە،
شىپالىق ساپ ھاۋا مەشرەپ.
بوغۇلغان دەم نەپەسلەرگە،
شىپالىق ساپ ھاۋا مەشرەپ.

كامالەت تاپتى قوينۇڭدا،
مۇقام، ئەلنەغمە، جانبازلىق.
كامالەت تاپتى قوينۇڭدا،
مۇقام، ئەلنەغمە، جانبازلىق.
ئەزەلدىن زاتى ئۇيغۇرغا،
ئىجازەتسىز راۋا مەشرەپ.
ئەزەلدىن زاتى ئۇيغۇرغا،
ئىجازەتسىز راۋا مەشرەپ.

بېغى سەن قان-قېرىنداشلىق،
ئىناقلىق، جان كۆيەرلىكنىڭ.
بېغى سەن قان-قېرىنداشلىق،
ئىناقلىق، جان كۆيەرلىكنىڭ.
ھوسۇل بەختىڭ، ئاداۋەتلىك،
جاراھەتكە داۋا مەشرەپ.
جاراھەتكە داۋا مەشرەپ.
بېغى سەن قان-قېرىنداشلىق،
ئىناقلىق، جان كۆيەرلىكنىڭ.
ھوسۇل بەختىڭ، ئاداۋەتلىك،
جاراھەتكە داۋا مەشرەپ.

يەنە سەن كاتتا سەيناسى،
ئۇلۇغ ئىنسانىي خىسلەتنىڭ.
يەنە سەن كاتتا سەيناسى،
ئۇلۇغ ئىنسانىي خىسلەتنىڭ.
سېنىڭدە ئەنئەنە رەسمىي
يوسۇن شەرمىي-ھايا مەشرەپ.
يوسۇن شەرمىي-ھايا مەشرەپ.
سېنىڭدە ئەنئەنە رەسمىي
يوسۇن شەرمىي-ھايا مەشرەپ.
يوسۇن شەرمىي-ھايا مەشرەپ.

يەنە يۈكسەل قۇياشتەك پارلىسۇن،
پاك روھىي مىللەتنىڭ.
يەنە يۈكسەل قۇياشتەك پارلىسۇن،
پاك روھىي مىللەتنىڭ.
باغاش ئەتسۇن بۇ ئالەمنى،
ئېسىل نەغمە ناۋا مەشرەپ.
باغاش ئەتسۇن بۇ ئالەمنى،
ئېسىل نەغمە ناۋا مەشرەپ.
ئېسىل نەغمە ناۋا مەشرەپ.
يەنە يۈكسەل قۇياشتەك پارلىسۇن،
پاك روھىي مىللەتنىڭ.
يەنە يۈكسەل قۇياشتەك پارلىسۇن،
پاك روھىي مىللەتنىڭ.
باغاش ئەتسۇن بۇ ئالەمنى،
ئېسىل نەغمە ناۋا مەشرەپ.
باغاش ئەتسۇن بۇ ئالەمنى،
ئېسىل نەغمە ناۋا مەشرەپ.
ئېسىل نەغمە ناۋا مەشرەپ.
يەنە يۈكسەل قۇياشتەك پارلىسۇن،
پاك روھىي مىللەتنىڭ.
باغاش ئەتسۇن بۇ ئالەمنى،
ئېسىل نەغمە ناۋا مەشرەپ.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...