جانان ئۇيقۇدا
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

جانان ئۇيقۇدا

پلاستىنكا: شېرىن چۈش

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1995

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 390
جانان ئۇيقۇدا - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلەت ئىسمايىل
مۇزىكىسى: ئابلەت ئابلىكىم 
بولدۇم تۈنلەردە ئۇيقۇدىن بىدار
جانان ئۇيقۇدا،جانان ئۇيقۇدا…
بولدۇم تۈنلەردە ئۇيقۇدىن بىدار
جانان ئۇيقۇدا،جانان ئۇيقۇدا…
تاڭنىڭ چولپىنى كۆرسەتمەس دىدار
جانان ئۇيقۇدا،جانان ئۇيقۇدا…
تاڭنىڭ چولپىنى كۆرسەتمەس دىدار
جانان ئۇيقۇدا،جانان ئۇيقۇدا…

♪♪

ھىجران ئازابى قىينىدى جاننى
توستى بۇلۇتلار ماھى تاباننى
ھىجران ئازابى قىينىدى جاننى
توستى بۇلۇتلار ماھى تاباننى
ۋەسلىگە ئەجەپ قىلدى ئىنتىزار
جانان ئۇيقۇدا،جانان ئۇيقۇدا…

♪♪

ئاچماس كۆزىنى نىدا ئەيلىسەم
بارىمنى ھەتتا پىدا ئەيلىسەم
ئاچماس كۆزىنى نىدا ئەيلىسەم
بارىمنى ھەتتا پىدا ئەيلىسەم
خەلقى ئالەمگە قىلدى شەرمى-سار
جانان ئۇيقۇدا،جانان ئۇيقۇدا…
خەلقى ئالەمگە ئەتتى شەرمى-سار
جانان ئۇيقۇدا،جانان ئۇيقۇدا…
جانان ئۇيقۇدا،جانان ئۇيقۇدا…

『ئابدۇللا سىتۇدىيەسى』
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...