ئۇۋالىم
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئۇۋالىم

پلاستىنكا: شېرىن چۈش

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1995

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 596
ئۇۋالىم - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلەت ئابلىكىم
مۇزىكىسى: ئابلەت ئابلىكىم 
سۆيگەنتىم بۇرۇنلا مەن سېنى دىلدىن
ھېلىھەم ئۆچمىدى شۇ ئوتلۇق پىراق
پەرۋامۇ قىلمىدىڭ مىسكىن كۆڭلۈمگە
باشقىنىڭ قەلبىگە ياندۇرۇپ چىراق

∮مۇزىكا∮

ئۆرتەندىم ياش تۆكۈپ ھىجران ئوتۇڭدا
يۈرەگىم ئېزىلدى بولدى لەختە قان
زارىمدىن تاغلارمۇ كەلدى لەرزىگە
يەنىلا پەرۋاسىز يۈردۈڭ سەن جانان

∮مۇزىكا∮

شۇ سەۋەپ بۇ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم
ئىشقىڭدا ئۆرتىنىپ قىينالدى جېنىم
مۇھاببەت كوچىسى ياكى شۇنداقمۇ
كەلمەسمۇ ھاياتتا ساڭا ئۇۋالىم

♪♪♪♪
『ئابدۇللا سىتۇدىيەسى』​
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...