ئاشىق
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئاشىق

پلاستىنكا: شېرىن چۈش

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1995

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 470
ئاشىق - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختار بۇغرا
مۇزىكىسى: نامەلۇم 
گاھ قەلەندەر گاھى سۇلتانمەن
گاھ سوغۇقمەن گاھى گۈلخانمەن
ۋاي باھارنىڭ ئەلچىسى، قارلىغىچى كەلسە
ۋاي بولۇرمەن ئاڭا ئايۋانمەن
ۋاي باھارنىڭ ئەلچىسى، قارلىغىچى كەلسە
ۋاي بولۇرمەن ئاڭا ئايۋانمەن
♪♪
ئاھ تۈنۈگۈن كەلمىدى ئامەت
ئامەت تىلەش ئۇدۇمى ئالغانمەن
ئاھ تۈنۈگۈن كەلمىدى ئامەت
ئامەت تىلەش ئۇدۇمى ئالغانمەن
ۋاي تىلەگىم شۇ جامالىڭنى بىر كۆرسەم
ھەر مۇشەققەتلەرگە تەييارمەن
ۋاي تىلەگىم شۇ جامالىڭنى بىر كۆرسەم
ھەر مۇشەققەتلەرگە تەييارمەن
♪♪
ۋاي رەقىبنىڭ ئىتلىرى كەلسە
ۋىسال ئۈچۈن ئارقىغا يانماسمەن
ۋاي رەقىبنىڭ ئىتلىرى كەلسە
ۋىسال ئۈچۈن ئارقىغا يانماسمەن
ۋاي نىھايەت سەن ئۈچۈن كۈيۈم ياڭراق
سەن ئۈچۈن پىدا قەلەندەرمەن
ۋاي نىھايەت سەن ئۈچۈن كۈيۈم ياڭراق
سەن ئۈچۈن پىدا قەلەندەرمەن
سەن ئۈچۈن پىدائى پالۋانمەن
♪♪
"Ashiq"
Abdulla Abdurehim 
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...