دىلرابا
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

دىلرابا

پلاستىنكا: شېرىن چۈش

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1995

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 658
دىلرابا - ھەققىدە:
سۆزى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
مۇزىكىسى: نامەلۇم 
كۆزۈم كۆزۈڭگە چۈشكەن چاغ
يانار قەلبىمدە بىر پىراق
تولۇپ كۆزگە چىمەن ھەريان
يانار كۆڭلۈمدە شۇ چىراق
تولۇپ كۆزگە چىمەن ھەريان
يەنە كۆڭلۈمدە شۇ پىراق

باھار ھەيران جامالىڭگە
قارار ھەممە كامالىڭگە
باھار ھەيران جامالىڭگە
قارار ھەممە كامالىڭگە
سېنىڭ شېرىن مۇقامىڭگە
يۈرەرمەن دائىما مۇشتاق
سېنىڭ شېرىن مۇقامىڭگە
يۈرەرمەن دائىما مۇشتاق
♪♪
ئۆمۈرلۈك دىلرابايىمسەن
كىلىشكەن شوخ نىگارىمسەن
♪♪
مېنىڭ يىڭى مۇقامىمسەن
ساڭا ئىشقى كۈيۈم ياڭراق
كۆڭۈل ۋەدەڭ بىلەن توقتۇر
كۈنۈم خىيال بىلەن خوشتۇر
بىراق قارار كۆزۈڭ يوقتۇر
ھامان كۆڭلۈمدە شۇ پىراق
قارارغا ھېچ كۆزۈڭ يوقتۇر
يەنە كۆڭلۈمدە شۇ پىراق
يەنە كۆڭلۈمدە شۇ پىراق
يەنە كۆڭلۈمدە شۇ پىراق
♪♪
【Dilreba】
Abdulla Abdurehim 
『ئابدۇللا سىتۇدىيەسى』​
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...