كەلمىدى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

كەلمىدى

پلاستىنكا: ئايرىلىش

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1992

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 397
كەلمىدى - ھەققىدە:
سۆزى: نامەلۇم
مۇزىكىسى: نامەلۇم 
كەلمىدى يارىم كەلمىدى
كۆڭۈلدە بارىم كەلمىدى
كەلمىدى يارىم كەلمىدى
كۆڭۈلدە بارىم كەلمىدى
خۇلقى خۇش لەۋزى لېۋەن
كۆزى خۇمارىم كەلمىدى
خۇلقى خۇش لەۋزى لېۋەن
كۆزى خۇمارىم كەلمىدى
♪♪♪
كۈتتىمما يولغا يولغا قاراپ
چاچى چۇۋۇلغاننى تاراپ
كۈتتىمما يولغا يولغا قاراپ
چاچى چۇۋۇلغاننى تاراپ
بولدىغۇ ھالىم خاراب
ئول ئىنتىزارىم كەلمىدى
بولدىغۇ ھالىم خاراب
ئول ئىنتىزارىم كەلمىدى
كەلمىدى يارىم كەلمىدى
كۆڭۈلدە بارىم كەلمىدى
كەلمىدى يارىم كەلمىدى
كۆڭۈلدە بارىم كەلمىدى
خۇلقى خۇش لەۋزى لېۋەن
كۆزى خۇمارىم كەلمىدى
خۇلقى خۇش لەۋزى لېۋەن
كۆزى خۇمارىم كەلمىدى
♪♪♪
كەلسە كۆرسەم جانىنى
مېھرى مۇھەببەت خانىنى
كەلسە كۆرسەم جانىنى
مېھرى مۇھەببەت خانىنى
كۆڭلۈم سۆيەر مەردانىنى
ئول ئىنتىزارىم كەلمىدى
كۆڭلۈم سۆيەر مەردانىنى
ئول ئىنتىزارىم كەلمىدى
كەلمىدى يارىم كەلمىدى
كۆزى خۇمارىم كەلمىدى
كەلمىدى يارىم كەلمىدى
كۆزى خۇمارىم كەلمىدى
خۇلقى خۇش لەۋزى لېۋەن
كۆڭۈلدە بارىم كەلمىدى
خۇلقى خۇش لەۋزى لېۋەن
كۆڭۈلدە بارىم كەلمىدى
كەلمىدى يارىم كەلمىدى
——
「مۇقاۋا:Phany」
ئابدۇللا ئانسامبىلى
『ئابدۇللا ستۇدىيەسى』
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...