چىمەنزار
ئىززەت ئىلياس

چىمەنزار

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996

ئىززەت ئىلياس ھەققىدە:
ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھ ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 214
چىمەنزار - ھەققىدە:
سۆزى: توختى ئايۇپنىڭ
مۇزىكىسى: ھېكىم ھەسەننىڭ
ئورۇنلىغۇچى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئىززەت ئىلياس 
لاي لا لاي...
لاي لا لاي...
ئەي چىمەنزار، چىمەنزار، چىمەنزار،
ئىككىمىز شاد-ئىناق بەختىيار.
ئەي چىمەنزار، چىمەنزار، چىمەنزار،
ئىككىمىز شاد-ئىناق بەختىيار.
دەريا بويى كۆپكۆك چىمەنزار،
چىمەنزاردا يايرىم بار.
ئاپئاق سۆيگۈ ۋىسال سۆيگۈ ۋىسالى،
كۈنلەر ئۆتەر خوشال بەختىيار.
ئەي چىمەنزار، چىمەنزار، چىمەنزار،
ئىككىمىز شاد-ئىناق بەختىيار.
ئەي چىمەنزار، چىمەنزار، چىمەنزار،
ئىككىمىز شاد-ئىناق بەختىيار.

چىغىر-چىغىر يول ئارا،
ئەركىلەر ئاينىڭ بالىسى.
بولسا ئاڭا نە ئارمان،
سىزدەك يۈرەك يۈرەك پارىسى.
ئەي دىلنارىم، گۈزەل دىلنارىم،
سىز كۆز نۇرۇم باھارىم.
ئەي دىلنارىم، گۈزەل دىلنارىم،
سىز كۆز قارچۇقۇم مادارىم.

چىغىر-چىغىر يولىمىز،
چىمەنلىكتە قوش مېغىز.
ئەجەپ گۈزەل بۇ دۇنيا،
ياشنار باھار، باھار پەسلىمىز.
ئەي دىلنارىم، گۈزەل دىلنارىم،
سىز كۆز نۇرۇم باھارىم.
ئەي گۈزەل، گۈزەل دىلنارىم،
سىز كۆز قارچۇقۇم مادارىم.
ئەي دىلنارىم، گۈزەل دىلنارىم،
سىز كۆز نۇرۇم باھارىم.
ئەي گۈزەل، گۈزەل دىلنارىم،
سىز كۆز قارچۇقۇم مادارىم.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...