مۇبارەك ئانا
ئىززەت ئىلياس

مۇبارەك ئانا

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996

ئىززەت ئىلياس ھەققىدە:
ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھ ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 274
مۇبارەك ئانا - ھەققىدە:
سۆزى: ھاكىمجان ئابدۇراخماننىڭ
مۇزىكىسى: ئابابەكرى مەمەتنىڭ 
خاسىيەتلىك، قۇتلۇق كۈن بۈگۈن،
يېڭى بىر ياش قوشۇلدى ماڭا.
خاتىرلەيدۇ پۈتكۈل كائىنات،
تۇغقان كۈنۈڭگە مۇبارەك ئانا.

ئاتا قىلدىڭ ماڭا ھاياتلىق،
قەرزدارمەن بىر ئۆمۈر ساڭا.
بېرەلمىدىم باشقىچە سوۋغا،
تۇغقان كۈنۈڭگە مۇبارەك ئانا.

پەرزەنتلەرنى قاتارغا قوشتۇڭ،
ساڭا مەدھىيە ئوقۇيدۇ دۇنيا.
باسقان ئىزىڭدىن گۈل ئۈنۈپ چىقسۇن،
تۇغقان كۈنۈڭگە مۇبارەك ئانا.

بىر بوۋاقنى ئادەم قىلغۇچە،
قان-تەر تۆكۈپ تارتتىڭ كۆپ جاپا.
ئۈمىدىڭنى ئاقلايمەن چوقۇم،
تۇغقان كۈنۈڭگە مۇبارەك ئانا.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...