
سېتىۋېلىش ئورنى
ئىززەت ئىلياس
ياخشى تىلەك
پلاستىنكا: ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996
ئىززەت ئىلياس ھەققىدە:
ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھ ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
410

ياخشى تىلەك - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختەر بوغرانىڭ مۇزىكىسى: ئەركىن ئابلەقنىڭ
ياخشى تىلەك ئىزھار بولسۇن، ھەر بىر كۈنۈڭ باھار بولسۇن. ياخشىلارغا كۆرپىلەر سال، ۋاپا، ئەخلاق تۇمار بولسۇن. ئانا ئارزۇسى شۇ ئوغلان، گۈللەر ئىنتىزار بولسۇن. ئۇنۇتما ئىسمى زاتىڭنى، يولۇڭ ئاق لالىزار بولسۇن. قارنى-كۆكسۈڭ كەڭرى چەكسىز، لېكىن قەددىڭ چىنار بولسۇن. بىر تازىمگە مىڭ تازىم ئەت، لىۋىڭ رەڭگىڭ ئانار بولسۇن. ئانا ئارزۇسى شۇ ئوغلان، گۈللەر ئىنتىزار بولسۇن. ئۇنۇتما ئىسمى زاتىڭنى، يولۇڭ ئاق لالىزار بولسۇن. ئانا ئارزۇسى شۇ ئوغلان، گۈللەر ئىنتىزار بولسۇن. ئۇنۇتما ئىسمى زاتىڭنى، يولۇڭ ئاق لالىزار بولسۇن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...