
سېتىۋېلىش ئورنى
ئىززەت ئىلياس
ھەشەمەتتە كەتمەيلى
پلاستىنكا: ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996
ئىززەت ئىلياس ھەققىدە:
ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھ ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
495

ھەشەمەتتە كەتمەيلى - ھەققىدە:
سۆزى: مۇھەممەتجان راشىدىن مۇزىكىسى: ئەسقەر قۇربان (مۇڭكۈي سىتودىيەسىدىن) ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئەسقەر قۇربان (مۇڭكۈي سىتودىيەسىدىن)
قەدىرلىمەس بولدۇق ئاش-ناننى، ئىزدىن چىقتى ئىنسانلىقىمىز. شۇ ئەمەسمۇ ئازغۇنلۇق دېگەن، قېنى بىزنىڭ دېھقانلىقىمىز. ئوخشاپ قالدۇق قاغا-قۇزغۇنغا، بارىمىزنى بۇزۇپ-چاچقىلى. قاقشاپ قالدى رېستورانلاردا، تائاملارنىڭ بىزدىن ئاشقىنى. تاشلاندى نان تۆكۈلدى تائام، ناننى ئىمان دېگەنلەر قېنى. زاغرا ناننى يامان يىللاردا، تەستە تېپىپ يېگەنلەر قېنى. ئازغۇنلۇقنى نان ئىلغان تاپتۇق، ئازغۇنلۇققا ئىشەنمەس سەۋەب. كۆرەرى بار ھەددىدىن ئاشقاننى، ھەشەمەتتە كەتمەيلى ئەبەت. قەدىرلىمەس بولدۇق ئاش-ناننى، قەلبىمىزدە ئۇنتۇلدى جۇدا. دېھقان تۇرۇپ تېگى-تەكتىمىز، دىيانەتتىن بولدۇققۇ جۇدا.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...