سېغىنىش
ئىززەت ئىلياس

سېغىنىش

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996

ئىززەت ئىلياس ھەققىدە:
ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھ ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 331
سېغىنىش - ھەققىدە:
سۆزى: نامەلۇم
مۇزىكىسى: نامەلۇم 
قىرانلىق تېغىدىن ئۆتتۈق،
ئۆمۈرنىڭ تېڭىغا يەتتۇق.
كۈندۈزنى قۇياشقا بىزەپ،
كېچىگە يۇلتۇزلار ئاستۇق.

ئۈمىد تاڭلاردا چاقنايدۇ،
يۈرەك يەتمەكنى كۆزلەيدۇ.
ئاقارغان چاچتا كەچمىش بار،
يىللار زوقىدا سۆزلەيدۇ.

ئارمانسىز ئالەمدىن كەتسەك،
كەتسەكمۇ يادلىنىپ ئۆتسەك.
گۈل كەبى تۇپراقتىن ئۈنۈپ،
زېمىننى چىمەنزار ئەتسەك.

ئۈمىد تاڭلاردا چاقنايدۇ،
يۈرەك يەتمەكنى كۆزلەيدۇ.
ئاقارغان چاچتا كەچمىش بار،
يىللار زوقىدا سۆزلەيدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...