
سېتىۋېلىش ئورنى
ئىززەت ئىلياس
ھەر كىم شۇنداق ياشىسا دەيمەن
پلاستىنكا: ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996
ئىززەت ئىلياس ھەققىدە:
ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھ ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
477

ھەر كىم شۇنداق ياشىسا دەيمەن - ھەققىدە:
سۆزى: مۇھەممەد روزى يارقىن مۇزىكىسى: ئەسقەر قۇربان (مۇڭكۈي ئىستۇدىيىسى) ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئەسقەر قۇربان (مۇڭكۈي ئىستۇدىيىسى)
شاتلىق تېپىپ ئادەم-ئادەمدىن، خالىي بولۇپ دەردۇ-ئەلەمدىن. گۈل ئۈندۈرۈپ باسقان قەدەمدىن، ھەركىم شۇنداق ياشىسا دەيمەن. مۇھەببەتنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، گۈزەللىكنىڭ نۇرىنى چېچىپ. رەزىللىكنىڭ باغرىنى ئېچىپ، ھەركىم شۇنداق ياشىسا دەيمەن. بولمىسىمۇ بەخت-ئامىتى، پۈكۈلمىسە قەددى-قامىتى. مېھرىبانلىق بولسا ئادىتى، ھەركىم شۇنداق ياشىسا دەيمەن. ئۈزۈلمىسۇن ھاياتنىڭ رېشتى، يېنىپ تۇرسا يۈرەكنىڭ ئىشقى. كەم بولمىسا ھاياتنىڭ رىزقى، ھەركىم شۇنداق ياشىسا دەيمەن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...