
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
رەڭگارەڭ
پلاستىنكا: شاھزادە
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
331

رەڭگارەڭ - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
قايتارما : بۈگۈن بىر گۈزەل دەم ناخشامغا قويغىن زەڭ، ھەممە سەكرەيلى تەڭ. يالتىرار چېراقلار، كەيپىيات ئويناقلار، تۆت ئەتراپ رەڭگارەڭ. رەنجىمەڭلار تاغىلار، كەلدى كەپسىز بالىلار، بۈگۈن ئوينىۋالايلى شوخ شوخ شوخ. بېرىڭلار ئىجازەت، بۈگۈن تاشلاپ خىزمەت، بىللە ئوينايلى كۆڭۈل توق توق توق. 1-كۇبلىت : كىيىپ پۇزۇر-پىچەت، قېرى بىلەن رەت-رەت، كەلدىم قىلماي تاقەت. ماكان، زامان، ئوقەت، نېمە تۇرمۇش ھەسرەت، ئۇنۇت ئىككى سائەت. 1-ئۆتۈشمە : بولغان كۆپ ئىنتىزار، ۋاقىت تاپتى قارار، توۋلاشقا بول تەييار. مېھىرلىك ئالقىشلار، شوخ ۋاراڭ-چۇرۇڭلار، بۈگۈن قانغىچە ياڭرار. بۈگۈن بىر گۈزەل دەم ناخشامغا قويغىن زەڭ، ھەممە سەكرەيلى تەڭ. يالتىرار چېراقلار، كەيپىيات ئويناقلار، تۆت ئەتراپ رەڭگارەڭ. رەنجىمەڭلار تاغىلار، كەلدى كەپسىز بالىلار، بۈگۈن ئوينىۋالايلى شوخ شوخ شوخ. بېرىڭلار ئىجازەت، بۈگۈن تاشلاپ خىزمەت، بىللە ئوينايلى كۆڭۈل توق توق توق 2-كۇبلىت : سال نەزەر ئەتراپقا، ئاق، كۆك، يېشىل، قارا، ياڭرار قىزغىن سادا. ئىختىلاپ ۋە دەۋا، بولسىمۇ گاھىدا، كۆڭۈلدە يوق يارا. 2-ئۆتۈشمە : ياڭرىسۇن ناخشىلار، يوقالسۇن بېسىملار، رەنجىش، باش قىتىشلار. بۈگۈن قىز-ئوغۇللار، باشىقىنى قويۇڭلار، ماڭا تەڭ جۆر بولۇڭلار. بۈگۈن بىر گۈزەل دەم ناخشامغا قويغىن زەڭ، ھەممە سەكرەيلى تەڭ. يالتىرار چېراقلار، كەيپىيات ئويناقلار، تۆت ئەتراپ رەڭگارەڭ. رەنجىمەڭلار تاغىلار، كەلدى كەپسىز بالىلار، بۈگۈن ئوينىۋالايلى شوخ شوخ شوخ. بېرىڭلار ئىجازەت، بۈگۈن تاشلاپ خىزمەت، بىللە ئوينايلى كۆڭۈل توق توق توق. بۈگۈن بىر گۈزەل دەم ناخشامغا قويغىن زەڭ، ھەممە سەكرەيلى تەڭ. يالتىرار چېراقلار، كەيپىيات ئويناقلار، تۆت ئەتراپ رەڭگارەڭ. رەنجىمەڭلار تاغىلار، كەلدى كەپسىز بالىلار، بۈگۈن ئوينىۋالايلى شوخ شوخ شوخ. بېرىڭلار ئىجازەت، بۈگۈن تاشلاپ خىزمەت، بىللە ئوينايلى كۆڭۈل توق توق توق.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...