بالىلىق چاغلار
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

بالىلىق چاغلار

پلاستىنكا: شاھزادە

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 564
بالىلىق چاغلار - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 
ھەي، ئەجەب چىرايلىق
بالىلىق چاغلار
نۇرغا پۈركەنگەن
سۈپسۈزۈك تاغلار

كۈمۈش بۇلاقلار
بەرگى قىياقلار
بەخت ئىزدىگەن
يېشىل تۆت قۇلاقلار

ئاستىڭدا ئات بولار
سۇۋادان ياپراقلار
لاي شەھەر ياسايمىز
قۇرسا پاتقاقلار

ھەي بالىلىق چاغلار
ئىللىق قۇچاقلار
بالىلىق چاغلار
بۇلۇت قويغان تاغلار

بالىلىق چاغلار
قاراڭغۇ باغلار
يىراقتا تاغلار

بىللە ئەگەشكەن
قوزا بويناقلار
كەپسىز دولقۇنلار
ئالتۇن قىرغاقلار
سۇلاردا بېلىق
قولدا قارماقلار
بالىلىق چاغلار
ھەي ،قىيغىتقان تايلار

بىزنى چاقىرغان
ئۆڭكۈرلەر سايلار
چىمچىق يۇلتۇزلار
ئورغاقتەك ئايلار
چۆچەك ئېيتىشلار
جىن دەپ قورقۇشلار
ياغاچ ئاپتومات
ھۇررا سوقۇشلار

شامالنىڭ قانىتىغا ئېسىلغۇم كېلىدۇ
يۇلتۇزنى ئۆيۈمگە چىللىغىم كېلىدۇ
چېچەكلەر تۆكۈلسە يىغلىغۇم كېلىدۇ
ئاي ماڭسا ئارقىدىن قوغلىغۇم كېلىدۇ
دەرەختە قۇش بولۇپ ئۇخلىغۇم كېلىدۇ
ئوتلاقتا قوي بىلەن ئوتلىغىم كېلىدۇ
ئاجايىپ چاغلار بۇ چاپقۇڭلار كېلىدۇ
بۇلۇتقا مىنگىشىپ ئۇچقۇڭلار كېلىدۇ

ھەي، بالىلىق چاغلار
ساناقسىز ئارمانلار
ھەي، بالىلىق چاغلار
يايرايدۇ بۇ جانلار

ھەي، بالىلىق چاغلار
ساناقسىز ئارمانلار
ھەي، بالىلىق چاغلار
يايرايدۇ بۇ جانلار

سۆزلىشەلەيسەن قونچاقلار بىلەن
قوغلاشماق ئوينايسەن تايچاقلار بىلەن
چۈشۈڭدە ئېلىشىپ تىمساقلار بىلەن
قوغلايسەن سۈر-سۈر توقماقلار بىلەن

ھەي، بالىلىق چاغلار
ساناقسىز ئارمانلار
ھەي ، بالىلىق چاغلار
يايرايدۇ بۇ جانلار

ھەي، بالىلىق چاغلار
ساناقسىز ئارمانلار
ھەي، بالىلىق چاغلار
يايرايدۇ بۇ جانلار

ھەي، بالىلىق چاغلار
ساناقسىز ئارمانلار
ھەي، بالىلىق چاغلار
يايرايدۇ بۇ جانلار

ھەي، بالىلىق چاغلار
ساناقسىز ئارمانلار
ھەي، بالىلىق چاغلار
يايرايدۇ بۇ جانلار
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...