قاش سۈيى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

قاش سۈيى

پلاستىنكا: يىگىت ئىشقى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1998

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 472
قاش سۈيى - ھەققىدە:
سۆزى: خەلق
مۇزىكىسى: خەلق 
قاشىنى ئېتىپ كەلدى،
ساي-سايدىن بۇلاقلاردىن.
كۆردۈم مەن جامالىڭنى،
يۇلتۇزدەك يىراقلاردىن.

ئۆستەڭ چېپىپ ئېرىق ئاچتۇق،
جان بىرىپ باياۋانغا.
گۈل باغلار بىنا بولدى،
دىل تولدى ھاياجانغا.

ساپ بەرگى چىچەك ئاچقان،
تاش بويى ئاۋات دەيمەن.
شوخ ئەرگە سۈيىڭ ئاقسا،
جان دەيمەن ناۋات دەيمەن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...