ئەسكى 2
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

ئەسكى 2

پلاستىنكا: شاھزادە

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 313
ئەسكى 2 - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 
يەنە كونا ھېكايە قىلدى داۋام،
سۆيگۈ ھەممىزگە بەرمەستىن ئارام.
كۆرۈندۈڭ كۆزۈمگە تېخىمۇ گۈزەل،
مەن بولدۇم كۈنسېرى ئەسكى قارام.

بۇ ھەققى سۆيگۈ ئويۇن ئەمەس،
بىردەملىك قىزىقىش ياكى ھەۋەس.
ساڭا مەندىن باشقىسى كۆڭۈل بۆلمەستىن،
ياخشىسى ئۆزىگە بولسۇن پەخەس.

مەن بۇ سۆيگۈڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ باقمىدىم،
ھەم يولۇمدىن ھېچقاچان يېنىپ باقمىدىم.
مەن بوشاشمىدىم، قورقۇم قاچمىدىم
كەلگۈسىمىزدىن ئۈمۈد سىزلىنىپ باقمىدىم.

ئەسكى، ئەسكى، ئەسكى، ئەسكى!

مۇھەببەت ئەسكى يىگىت قىلدى مېنى،
يۈرىمەن كەينىڭدىن ئىز بېسىپ سېنى.
كېرەك يوق رەقىبلەر كېلىۋەرسۇن قېنى،
بىر-بىرلەپ يولغا سېلىپ قويارمەن ھەممىنى.

مۇھەببەت ئەسكى يىگىت قىلدى مېنى،
يۈرىمەن كەينىڭدىن ئىز بېسىپ سېنى.
كېرەك يوق رەقىبلەر كېلىۋەرسۇن قېنى،
بىر-بىرلەپ يولغا سېلىپ قويارمەن ھەممىنى.

مىش-مىش گەپلەر بەكمۇ جىق ئوڭ-سولۇڭدا،
ھەرخىل مەقسەت ۋە غەرەز بار ئۇنىڭدا.
نامەتلەردە سۆز چۆچەك جىق ئىش ئەمگەك يوق،
ئېغىزىدا جاھان سورىشار بۇلۇڭدا.

يۈرىمەن ئالدىراش ئۆز ئىشىم بىلەن كۈن بويى،
بەزىلەر بىلىدۇ بەك ياخشى پۇرسەت بۇنى.
سۆيىدۇ سىنى، چۈشىنىمەن ئۇنى،
لېكىن ماڭا تەئەللۇق سەن ئۇنۇتمىسۇن شۇنى.

ئەسكى، ئەسكى، ئەسكى، ئەسكى!

مۇھەببەت ئەسكى يىگىت قىلدى مېنى،
يۈرىمەن كەينىڭدىن ئىز بېسىپ سېنى.
كېرەك يوق رەقىبلەر كېلىۋەرسۇن قېنى،
بىر-بىرلەپ يولغا سېلىپ قويارمەن ھەممىنى.

مۇھەببەت ئەسكى يىگىت قىلدى مېنى،
يۈرىمەن كەينىڭدىن ئىز بېسىپ سېنى.
كېرەك يوق رەقىبلەر كېلىۋەرسۇن قېنى،
بىر-بىرلەپ يولغا سېلىپ قويارمەن ھەممىنى.

مۇھەببەت ئەسكى يىگىت قىلدى مېنى،
يۈرىمەن كەينىڭدىن ئىز بېسىپ سېنى.
كېرەك يوق رەقىبلەر كېلىۋەرسۇن قېنى،
بىر-بىرلەپ يولغا سېلىپ قويارمەن ھەممىنى.

مۇھەببەت ئەسكى يىگىت قىلدى مېنى،
يۈرىمەن كەينىڭدىن ئىز بېسىپ سېنى.
كېرەك يوق رەقىبلەر كېلىۋەرسۇن قېنى،
بىر-بىرلەپ يولغا سېلىپ قويارمەن ھەممىنى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...