
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مەپتۇن
پلاستىنكا: شاھزادە
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
367

مەپتۇن - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
قايتارما : مەپتۇن! ساڭا بولدۇم نېمانچىلا مەپتۇن. مەجنۇن! مەن سىنىڭ ئىشقىڭدا بىر مەجنۇن. 1-كۇبلىت : كۆزى خۇمار قاراقاش، ئىشى تولا ئالدىراش. بەكمۇ قىيىن كۆرۈشكەندە، ماڭا كۈلۈپ بىر قاراش. سېغىنغاندا مەن ئۇنى، ئېلىنماس تېلېفۇنى. تالىشىدۇ ئۇنى مەندىن، يىگىتلەرنىڭ نۇرغۇنى. 1-ئۆتۈشمە : ئۇ يۈرىيدۇ بىپەرۋا، ھەممىدىن بولۇپ خاپا. سۆيگۈ سورىسام ئۇنىڭدىن، ماڭا سالدى جاپا. يۈردۈم قىلىپ تەما، ساڭا قىلىپ دەۋا. قوبۇل ئەتكىن سۆيگۈمنى سەن، كۆڭلۈمنى كۆرۈپ رەۋا. قايتارما : مەپتۇن! ساڭا بولدۇم نېمانچىلا مەپتۇن. مەجنۇن! مەن سىنىڭ ئىشقىڭدا بىر مەجنۇن. 2-كۇبلىت: خىيالىمدىن كەتمەيدۇ، ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ. دەرت يۇتۇپ يۈرسەم ئىشقىدا، ھالىمغا يەتمەيدۇ. قاچۇرىدۇ ئۆزىنى، كۆرسەتمەستىن يۈزىنى. ئۇچۇرۇمنى قايتۇرماس، ئاياپ ھەتتاكى سۆزىنى. 2-ئۆتۈشمە : بۇ دېگەن ئۆتنە ئالەم، ئىگەمگە يىتەر نالەم. يۈرىسەن پات يىقىندا سەن، مىنى ئاتاپ شاھزادەم. قىلمىغىن تۈزۈت، يالغانلاردىن سۈكۈت. ئىگىلگەنگە ئىگىل دەپ، چوڭلاردىن قالغان ئۈگۈت. قايتارما : مەپتۇن! ساڭا بولدۇم نېمانچىلا مەپتۇن. مەجنۇن! مەن سىنىڭ ئىشقىڭدا بىر مەجنۇن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...