
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مەلىمىزدە مەشرەپ بار
پلاستىنكا: شاھزادە
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
558

مەلىمىزدە مەشرەپ بار - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختەر بۇغرا مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مەلىدىكى دەريادا، قاشتىشى ھەم سەدەپ بار. ھەي دوستلىرىم كېلىڭلار، مەلىمىزدە مەشرەپ بار. مەشرەپ قىزىغان يەردە، ئويۇن بىلەن ئەدەپ بار. بىزنىڭ مەلە بەك ئاۋات، ھەممە ھويلا باراڭلىق. ئوتتۇز ئوغۇل توققۇز قىز، كېيىۋاپتۇ بايراملىق. ساۋىدايدۇ مىرشاپ بەگ، ئەگەر قىلساڭ ساراڭلىق. مەشرەپ دىگەن تۈزەيدۇ، بىئەدەپنى ئاخماقنى. مەشرەپ دىگەن تۈزەيدۇ، بىئەدەپنى ئاخماقنى. مەشرەپ دىگەن ئۆگىتەر، غەزەل ناخشا قوشاقنى. ئىلىم-ئىرپان ئەخلاقنى، دۇرۇس ئادام بولماقنى. پاششاپ بىكار تۇرمايدۇ، ئىجرا قىلار جازانى. قىلىپ قويۇپ ئاچكۆزلۈك، بۇلغاپ قويساڭ غىزانى. يەر تېگىگە كىرىسەن، كۆتۈرەلمەي ئىزانى. مىرشاپ ئۆزى بەك چاققان، ئۆتىكىگە مىخ قاققان. ئەدەپسىزلىك قىلغاننى، بىردەمدىلا ئۇ تاپقان. ئالا كالتەك قولىدا، «غاچ-غاچ» جۇۋازغا قاتقان. يىگىت بېشى يۇرت بېشى، قارا بومبا ساقاللىق. يىگىت بېشى يۇرت بېشى، قارا بومبا ساقاللىق. قايىل قىلار ھەممىنى، سۆزى تەمسىل ماقاللىق. دەۋالارنى ھەل قىلار، خويمۇ تەدبىر ئاماللىق. مەشرەپ مەشرەپ مەشرەپ مەشرەپ مەشرەپ مەشرەپ مەشرەپ مەشرەپ مەشرەپ سۆزلەر داستان جەڭنامە، مەلىمىز ۋائىزلىرى. سۆزلەر داستان جەڭنامە، مەلىمىز ۋائىزلىرى. مۇقام باشلار نەغمىكەش، قوللىرىدا سازلىرى. چۈشەر ھەتتا ئۇسسۇلغا، تۆگە، ئۆردەك، غازلىرى. مەشرەپ مەشرەپ مەشرەپ مەشرەپ مەشرەپ مەشرەپ مەشرەپ مەشرەپ مەشرەپ ئەھلى دەرقەمدە، بىر رېتىم بىر قەدەمدە. ھەممە ساما-سەنەمدە، مەشرەپ قاينار مەلەمدە. تېپىلمايدۇ ھەي دوستلار، مۇنداق سورۇن ئالەمدە. تېپىلمايدۇ ھەي دوستلار، مۇنداق سورۇن ئالەمدە. تېپىلمايدۇ ھەي دوستلار، مۇنداق سورۇن ئالەمدە.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...