
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
ماڭا ياتلىق بول
پلاستىنكا: شاھزادە
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
397

ماڭا ياتلىق بول - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئىشلىگۈچى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ تېكىسىت كىرگۈزگۈچى: ئالىمجان
ئالەمنىڭ مىھرىبان ئېتىكىدە، ھايات رومانى ۋىسال بېتىدە. ماڭا ياتلىق بول! ماڭا ياتلىق بول! ئىخلاس بىلەن كۈتكەن دەقىقىدە، پاك سۆيگۈ ۋە ھاياجان ئىلكىدە. ماڭا ياتلىق بول! ماڭا ياتلىق بول! ئۆتتۈڭ مىنىڭ ئىلىكىمگە جانان، يوقتۇر ئۆزگە مېنىڭدەك بەختىيار. بارلىغىم سەن ئۈچۈن ئاتالغان، نېمە قىلساڭ سەندە ئىختىيار. ماڭا ياتلىق بول ماڭا ياتلىق بول ماڭا ياتلىق بول ماڭا ياتلىق بول ۋۇجۇدۇڭنى ئورىغان چېچەك، گۈل بولۇپ سەن چۈشۈمدىكىدەك. ماڭا ياتلىق بول! ماڭا ياتلىق بول! پۈتۈلسۇن سۆيگۈمىز بولۇپ ئۆرنەك، قالسۇن مەڭگۈلۈك ئەپسانە چۆچەك. ماڭا ياتلىق بول! ماڭا ياتلىق بول! بىلىسەن سۆيىمەن سېنى چەكسىز، دىلدىن يوقات گۇمانلىرىڭنى. قويۇپ كەل ئىشەنچ بىلەن شەكسىز، غەم ئەندىشە گۇمانلىرىڭنى. ماڭا ياتلىق بول! ماڭا ياتلىق بول! ماڭا ياتلىق بول! ماڭا ياتلىق بول! ھايات باقماس كىشىنىڭ پەيلىگە، بەخىت مەنسۈپ ئۇنىڭ غېمى يىگەننىڭ. نەچچە كۈندە تۈگەيدۇ ئۆمۈر، ھالىمغا يەت مەن قەدرىڭ بىلگەننىڭ. ماڭا ياتلىق بول! ماڭا ياتلىق بول! ماڭا ياتلىق بول! ماڭا ياتلىق بول! ماڭا ياتلىق بول! ماڭا ياتلىق بول! (ماڭا ياتلىق بول!) ماڭا ياتلىق بول! ماڭا ياتلىق بول! ماڭا ياتلىق بول! (ماڭا ياتلىق بول!) (ماڭا ياتلىق بول!)
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...