سۇمبۇلە
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

سۇمبۇلە

پلاستىنكا: يىگىت ئىشقى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1998

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 532
سۇمبۇلە - ھەققىدە:
سۆزى: خەلق
مۇزىكىسى: خەلق 
سۇمبۇلە جان سۇمبۇلە،
ئورىۋالاي گۈل بىلەن.
ئەس-يادىم سەن بىلەن،
سەن كىتەرسەن كىم بىلەن.
قەدىمىڭگە گۈللەر ئېچىلسۇن.

مەن بۇ يەردە ئوت ياقسام،
پەرۋانىدەك تۈتۈنى.
بۇ دۇنيادا بارمىكەن،
يۈرەك باغرى پۈتۈنى.
قەدىمىڭگە گۈللەر ئېچىلسۇن.

بۇ دۇنيادا بار بولسا،
يۈرەك باغرى پۈتۈنى.
قەغەزدە ئوچاق ياساي،
ئاڭا ئۆزۈم بولاي ئوتۇنى.
قەدىمىڭگە گۈللەر ئېچىلسۇن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...