«تۈگىمەس ناخشا»
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

«تۈگىمەس ناخشا»

پلاستىنكا: يىگىت ئىشقى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1998

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 834
«تۈگىمەس ناخشا» - ھەققىدە:
سۆزى: تېيىپجان ئېلىيوپ
مۇزىكىسى: خەلق 
ھەر كۈن ئاخشىمى ناخشا ئېيتىمەن،
ئاشۇ كوچاڭدىن ئەگىپ كېتەلمەي.
ھەر كۈن ئاخشىمى ناخشا ئېيتىمەن،
ئاشۇ كوچاڭدىن ئەگىپ كېتەلمەي.
بىرلا پەللىنى كۆزلەپ ماڭىمەن،
ئاۋارىمەن تېخى يېتەلمەي.
بىرلا پەللىنى كۆزلەپ ماڭىمەن،
ئاۋارىمەن تېخى يېتەلمەي.

بۈگۈن ئاخشاممۇ ئۆتكەنتىم يەنە،
ناخشام بىلەن دېرىزە چېكىپ.
قەيەرلەردىندۇر ئىشىك غىچىرلاپ،
كايىپ كەتتى بىر بوۋاي چىقىپ.
قەيەرلەردىندۇر ئىشىك غىچىرلاپ،
كايىپ كەتتى بىر بوۋاي چىقىپ.

ۋارقىرايسەن ھەر كۈنى شۇنداق،
ساراڭمۇ سەن ئۇخلىمايدىغان.
ۋارقىرايسەن ھەر كۈنى شۇنداق،
ساراڭمۇ سەن ئۇخلىمايدىغان.
ياكى ئادەمگە ئۇيقۇ بەرمەيسەن،
قانداق ناخشا بۇ تۈگىمەيدىغان؟‎
ياكى ئادەمگە ئۇيقۇ بەرمەيسەن،
قانداق ناخشا بۇ تۈگىمەيدىغان؟

كايىما بوۋاي، سەنمۇ بىر چاغدا،
ياش ئىدىڭغۇ مېنىڭدەك ئۇخلىمايدىغان.
كايىما بوۋاي، سەنمۇ بىر چاغدا،
ياش ئىدىڭغۇ مېنىڭدەك ئۇخلىمايدىغان.

سەنمۇ ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن،
شۇنداق ناخشا بۇ تۈگىمەيدىغان.
سەنمۇ ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن،
شۇنداق ناخشا بۇ تۈگىمەيدىغان.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...