ئەركەك بولماق تەس
مەخمۇت سۇلايمان

ئەركەك بولماق تەس

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000

مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 437
ئەركەك بولماق تەس - ھەققىدە:
سۆزى: 张俊以
مۇزىكىسى: 浮克
ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە قىلغان 
يىللار بىر-بىرلەپ ئۆتتى رەھىمسىز،
ئۆمۈر مەنزىلىدىن ئۆتكۈنچە.
تاپسام دەيمەن شۇندىن مەن ھىدايەت،
تەن بەرمەي ئارزۇيۇمغا يەتكۈنچە.

كەتتى كەلمەسكە تالاي رىيازەت،
ھايات باياۋىنى كەزگۈنچە.
كۆردۈم جاھاندا كۆپ قىسمەت،
شۇ مۈشكۈل سەپەردىن يول ئالغۇنچە.

ئەركەك بولماق تەسكەن،
تىلدا قىلماسمەن بايان.
قايغۇ ھەسرەت ئىچىدە،
ئىزلەپ تېنىچلىق-ئامان.

ئەركەك بولماق تەسكەن،
قەيسەرغۇ مەن ھامان.
قېرىنداشلىق مىھرىنى ساقلاپ راۋان،
ئىزلەپ نىجاتلىق ھامان.

ئەركەك بولماق تەسكەن،
تىلدا قىلماسمەن بايان.
قايغۇ ھەسرەت ئىچىدە،
ئىزلەپ تېنىچلىق - ئامان.

ئەركەك بولماق تەسكەن،
قەيسەرغۇ مەن ھامان.
قېرىنداشلىق مىھرىنى ساقلاپ راۋان،
ئىزلەپ نىجاتلىق ھامان.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...