تەشنا يۈرەك
مەخمۇت سۇلايمان

تەشنا يۈرەك

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000

مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 438
تەشنا يۈرەك - ھەققىدە:
سۆزى: پەرھات تۇرسۇن
مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان 
كەلدى يەنە ئايرىلىش پەيتى،
تەلمۈرەدۇر كۆزلەر قىيالماي.
كەلدى يەنە ئايرىلىش پەيتى،
تەلمۈرەدۇر كۆزلەر قىيالماي.
سۆيگۈ ئۈچۈن تەلپۈنگەن يۈرەك،
قان يىغلايدۇ ۋىسال تاپالماي.
سۆيگۈ ئۈچۈن تەلپۈنگەن يۈرەك،
قان يىغلايدۇ ۋىسال تاپالماي.

تەنھا قالدى شۇ مۇڭلۇق دالا،
غەمكىن يەنە شۇ مىسكىن قۇياش.
قانماي ئۆتكەن يۈرەكلەر يارا،
سوغ شامالدا مۇزلايدۇ كۆز ياش.
نېسىپ بولار بىزلەرگە قاچان؟
مۇھەببەتكە ئېرىشىپ ياشاش.
مۇھەببەتكە ئېرىشىپ ياشاش.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...