رىۋايەت
مەخمۇت سۇلايمان

رىۋايەت

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000

مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 354
رىۋايەت - ھەققىدە:
سۆزى: مەخمۇت سۇلايمان
مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان 
ئاڭلىغىن دوستۇم، بىزدىن رىۋايەت،
بۇ ئەلمىساقتىن مىراس ھىكايەت.
بۇ قەدىم تارىخ، ياڭراق سادايى،
سەيل ئېتىپ بۈگۈن قىلغىن زىيارەت.

چۈنكى بۇ سادا زامان-زاماندىن،
تەۋەررۈك بولۇپ ئەلگە تارالغان.
خەلقىم قەلبىدە ياڭرىغان كۈيدىن،
بۇ ئابى-كەۋسەر مەڭگۈ نامايان.

ئاڭلىغىن دوستۇم، بىزدىن رىۋايەت،
بۇ قەدىمدىن مىراس ھىكايەت.
رىۋايەت!
رىۋايەت!

مەنزىلگە قاراپ تۇتاشقان يولدا،
قوڭغۇراق ئۇرۇپ ماڭماقتا كارۋان.
ئۇلار قالدۇرغان بۈيۈك ئىزلاردىن،
پۈركەندى گۈلگە دەشتى-باياۋان.

چۈنكى بۇ سادا زامان-زاماندىن،
 تەۋەررۈك بولۇپ ئەلگە تارالغان.
خەلقىم قەلبىدە ياڭرىغان كۈيدىن،
بۇ ئابى-كەۋسەر مەڭگۈ نامايان.
بىر بۈيۈك كارۋان ئازدى يولىدىن،
كەلدى قارا كۈن، كەلدى ھالاكەت.

ئاڭلىغىن دوستۇم، بىزدىن رىۋايەت،
بۇ قەدىمدىن مىراس ھىكايەت.
رىۋايەت!
رىۋايەت!
رىۋايەت!
بولسۇن ساڭا ھېكايەت!
رىۋايەت!
رىۋايەت!


+++++++ باشقا بىر نۇسخىسى+++++++++
https://www.youtube.com/watch?v=I7tVLH7Qay0
ئاڭلىغىن دوستۇم، بىزدىن رىۋايەت
بۇ ئەلمىساقتىن مىراس ھىكايەت
بىر بۈيۈك كارۋان ئازدى يولىدىن
كەلدى قارا كۈن، كەلدى ھالاكەت

ئاڭلىغىن دوستۇم، بىزدىن رىۋايەت
بۇ بۇرۇندىن مىراس ھىكايەت
رىۋايەت
رىۋايەت

غەمنىڭ تاغلىرى باستى يەلكىنى
ئۆلۈم تەشۋىشى ئەزدى ھەممىنى
كۆك بۆرە ماڭدى شۇنداق يول باشلاپ
بەردى نىجاتلىق، بەردى غەلىبىنى

ئاڭلىغىن دوستۇم، بىزدىن رىۋايەت
بۇ بۇرۇندىن مىراس ھىكايەت
رىۋايەت
بولسۇن ساڭا ھىكايەت
رىۋايەت
رىۋايەت
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...