
سېتىۋېلىش ئورنى
مەخمۇت سۇلايمان
سېغىنمىدىڭمۇ
پلاستىنكا: مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000
مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
336

سېغىنمىدىڭمۇ - ھەققىدە:
سۆزى: ئابدۇللا ئارىپ مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان
ئويغاتقۇچى باغلارنى كەزدىم، تاپاي دېدىم قىردىن ئىزىڭنى. جۈپ مەڭزىڭدىن رەڭ ئالغان ئىدى، لالەزارغا بۇراپ يۈزۈڭنى. ئۇچراتمىدىم ئەمما ئۆزۈڭنى، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ سېغىنمىدىڭمۇ؟ سېغىنمىدىڭمۇ؟ سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ ئۇزاقلاردا ھەيۋەت شۇ تاغلار، خىيالىمنى كېلىدۇ بېسىپ. ئۆتتى قانچە ئىنتىزار چاغلار، ۋەسلىڭ ماڭا بولمىدى نېسىپ. سەنسىز مەنمۇ باھارمۇ غېرىپ، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ سېغىنمىدىڭمۇ؟ سېغىنمىدىڭمۇ؟ سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ كەلدى بۈگۈن بۇ كەڭرى ئالەم، دوستلىرىمغا گۈللەر تۇتارمەن. نەلەردىسەن سۆيگىنىم ئەركەم، قولۇمدا گۈل سېنى كۈتەرمەن. ئۆمۈر بويى سۆيۈپ ئۆتەرمەن، سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ سېغىنمىدىڭمۇ؟ سېغىنمىدىڭمۇ؟ سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ سېغىنمىدىڭمۇ؟ سېغىنمىدىڭمۇ؟ سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟ سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...